شىنجاڭ قومۇل يارداڭلىق يەر شەكلى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مەركەزلىك يارداڭلىق يەر شەكلىنىڭ بىرى بولۇپ، قومۇلنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر شەكلى توپىنىڭ ئۆزگىچە، ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە-تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ قومۇل يارداڭلىق يەر شەكلى.