تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈچ چى دەرس مۇنبىرىگە ئۈچ ئەۋلاد باغلانغان مۇھەببەت

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا

  ئەمدىلا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالغان شادىيە ئىبراھىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئوقۇش مەۋسۇمى سەل ئالاھىدە بولدى، ئۇ داشۆنىڭ 1-يىللىقىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا توردا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ تەتىلدە ئەركىن-ئازادە كۆنۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرىدى، 22 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىغا ئىگە شادىيەنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى، كاللىسىغا پۈتۈنلەي قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا توردا دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە كىرىۋالدى.

  شادىيە شىنجاڭ داشۆنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات شۆيۈەنى جۇڭگو تىلى فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بوۋا-مومىسى، ئاتا ـ ئانىسىمۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە 12 ئادەم ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تەربىيەلەشى بىلەن ئۇ دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە باشقىلارغا ئۈلگە بولدى.

  شادىيەنىڭ ئانىسى شاراپەت لېتىپ بۇ يىل 77 ياشقا كىردى، ئۇ ئىلگىرى خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، پېنسىيەگە چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ كەلمەكتە، ھازىرمۇ يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەۋرىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  شادىيە تۆت يېشىدىلا ئانىسىغا ئەگىشىپ مەكتەپكە دەرسكە باراتتى، ئەينى چاغدا شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3-يىللىقنىڭ خىمىيە دەرسىنى بېرىدىغان ئانىسى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، دائىم ئانا مەكتىپى شىنجاڭ داشۆگە بېرىپ، مەكتەپتىن خىمىيە كەسپىگە ئالاقىدار  نۇرغۇن كىتابنى ئارىيەت ئالاتتى.

  1979-يىلى ئانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوتتۇرىچە 93 نومۇر ئېلىپ ئۇنىڭغا ياخشى جاۋاب قايتۇردى، شادىيە شۇ سەبىي ۋاقتىدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىدىن ئىلھام ئېلىپ، كۆڭلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇسى بىخ سۈردى.

  شادىيەنىڭ دادىسى ئىبراھىم خالىق شىنجاڭ داشۆنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇ تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەشنى ياخشى كۆرەتتى، ئادەتتىكى كۈنلەردە، ئۇ دەرس مۇنبىرىدە، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇراتتى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلگەن ئىبراھىم خالىق ئىنتايىن خۇشال بولاتتى. دادىسىنىڭ ناھايىتى مول مۇۋەپپەقىيەتلىرى شادىيەنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى. ئادەتتە، شادىيە ھەدىلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى.

  ئاتا-ئانىسىنىڭ شادىيەگە ئۈن-تىنسىز كۆرسەتكەن تەسىرىدىن باشقا، بوۋا-مومىسىنىڭمۇ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى زور ئىدى.

  شادىيەنىڭ بوۋىسى لېتىپ كېۋىر 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا توقسۇندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، بوۋىسى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئاشلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا بۆلۈپ بەرگەن. شادىيەنىڭ بالىلىق دەۋرى مۇشۇنداق ياردەم بېرىش، يۆلەشنى كۆرۈپ ئۆتتى. شادىيە بوۋىسى ياردەم بەرگەن، يۆلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بەرگىدەك بولغانلىقىنى كۆرگەندە، بوۋىسىنىڭ ئۇستاز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بەرگىنىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

  شادىيەنىڭ مومىسى ئادالەت نامىل توقسۇندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ دائىم سەبىي نەۋرە قىزىنى يىتلىگىنىچە ئىشخانىغا كېلىپ ئۆگىنىش قىلدۇراتتى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز يەر تەۋرىدى، مومىسى قىزىغا «تېز قېچىڭ» دەپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇلۇپلا سىنىپقا قاراپ چاپتى.

  شادىيە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، مومىسىنىڭ شۇ چاغدىكى ھەرىكىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۆرىشىنىڭ بىر خىل پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. مومىسنىڭ مۇشۇ تاللىشىدىن ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدى ھەم چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا بەل باغلىدى.

  مومىسى 70 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى ئاسپرانتلىقنى پۈتكۈزگەن شادىيە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇزاقتىن بېرى ئارزۇ قىلغان ئۈچ چى دەرس مۇنبىرىگە چىققىنىغا مانا بۇ يىل 22 يىل بولدى.

  «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»، نۇرغۇن شان-شەرەپكە ئېرىشكەن شادىيە ھازىر شىنجاڭ داشۆنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات شۆيۈەنى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ يېتىلدى. نۇرغۇن قېتىم يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ، باشتىن-ئاخىر ئۈچ چى دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىنچىكە تەييارلىغان ھەربىر سائەتلىك دەرسنى  كۆڭۈل قويۇپ سۆزلەپ بەردى.

  «شادىيە مۇئەللىم بەك مۇلايىم، خۇددى سىرداش ئاچىمىزغا ئوخشايدۇ، بىز قىيىنچىلىققا يولۇقساق، ئۇ مۇنداق دەيتتى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق، تىرىشچانلىقنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن بولىدۇ...» ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە يەتتە يىل بولغان، بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭجوۋدا جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان لياڭ شۆ مېھرىبان ئۇستاز شادىيەنى تىلغا ئالغاندا شۇنداق دېدى.

  مەكتەپتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بۈگۈنكى كۈندە يەنە مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان شادىيە مۇنداق دېدى: مائارىپ بىر ئۆمۈرلۈك كەسپىم، بىلىم ۋە ئەخلاق-پەزىلەتتە يېتەكچى، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولغاندىلا، ئاندىن ئۈچ چى دەرس مۇنبىرىگە يۈز كېلەلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى