تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جامبۇلاقتا كۈز كەلدى، مەرھەمەت قىلىڭ!

مۇنداق بىر جاي بار

ئەتىياز پەسلى پاكىز

ياز پەسلى سالقىن

كۈز پەسلى گۈزەل

قىش پەسلى جەلپكار

كۈزدە

ئېتىز قىرلىرىدا سەيلە قىلسىڭىز

سارغۇچ بۇغداي دولقۇنىدىن مەستخۇش بولىسىز

ئۇ

دەل

جامبۇلاق

ئۇ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان.

سارغۇچ يېشىل بۇغدايلىق

مەيىن شامالدا

خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك گۈزەل كۆرۈنەتتى

يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان

قارىغايلىق، ئاق قىيىنزارلىق، كىگىز ئۆيلەر

جامبۇلاقنىڭ گۈزەل كۈز پەسلىنى

كۆركەم، يوشۇرۇن مەنىلەرگە تولغان، جەلپكار تۈسكە كىرگۈزگەنىدى

دەل مۇشۇ چاغدا

جاي-جايلاردىكى ساياھەتچىلەر

 جامبۇلاقنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان كۈز پەسلى ئۈچۈن

كەينى-كەينىدىن يېتىپ كېلىشىدۇ.

جامبۇلاقتا كۈز سەيلىسى قىلغاچ

ئېتىز قىرلىرىنى بويلاپ، بۇغدايلىققا كىرگىنىڭىزدە

قېلىن قارا بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا قالغاندەك قىلسىڭىزمۇ

ھەرگىز بېسىم ھېس قىلمايسىز

ئەكسىچە، ئۆزگىچە مەنزىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلىسىز

 يالىڭاچ قالغان ئوشۇقىڭىزنى

 سالقىن شامال يېنىك سىيپاپ ئۆتىدۇ

بۇغدايلار پېشڭىزدىن پات-پات تارتقاندەك بىلىنىدۇ

يەنە ئامىتىڭىز كەلگەندەك

جامبۇلاقنىڭ كۈز مەنزىرىسى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالىسىز

بۇ يەردە

ھەر كۈنى ساپ قەلبىڭىز بىلەن

سەھەرنى، كەچكى شەپەقنى كۈتۈۋالىسىز

ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىدىن

ئورمانلىق، بۇغدايلىقلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ

ئۆزگىچە كۈيى ئارقىلىق گۈزەللىكنى بايان قىلىپ

بەخت سىمفونىيەسى يېزىلماقتا

ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مامكاپلارنىڭ

كۈز شامىلىغا ئەگىشىپ

ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن

 ۋۇجۇدىڭىزغا بىر خىل ئىللىقلىق تارايدۇ

تاغ تىزمىلىرىدا ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى

باغلام-باغلام بۇغداي دۆۋىلىرى ئېتىزلارغا توشۇپ كەتكەنىدى

بىر نەچچە قېرى كالا ئاستا-ئاستا ئىرغاڭلاپ كېتىپ باراتتى

مانا بۇ ھوسۇل ئېلىش، مانا بۇ ئېرىشىش

كۈزدىكى جامبۇلاقنىڭ مەنزىرىسى

نېمىدېگەن گۈزەل

 جامبۇلاققا كۈز كەلدى

مەرھەمەت قىلىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى