تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە كۈتۈنۈشتە ئۈچ خىل «مېۋە»دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

  كۈز پەسلىدە كۈتۈنۈشتە ئۈچ خىل «مېۋە»دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

  ​ كۈز پەسلىدە ھاۋا سوۋۇشقا باشلايدۇ، ئاق شەبنەم مەۋسۇمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ھاۋا سوۋۇيدۇ. شۇڭا، كۈتۈنۈشتە كۈزدىكى قۇرغاقلىقنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆپكىنى سىلىقلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. نۆۋەتتە، كۈز پەسلىدە بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكنىڭ ئۆپكىنى سىلىقلاپ سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار، مەسىلەن، لۇڭيەن، چىلان، ياڭاق قاتارلىقلار.

  لۇڭيەن

  يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ

  قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ

  بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى داشۆسى دۇڭفاڭ دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋېي گو مۇنداق كۆرسەتتى: دورا ۋە يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىيالى لۇڭيەن قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، تالنى قۇۋۋەتلەش، قاننى كۆپەيتىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە. نۇرغۇن دورىلىق تائام رىسالىسىدە، لۇڭيەن ئېتى بىلەن باشقا يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ، قان ئازلىق، ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆرۈلگەن بىئارامسىزلىق ئالامىتىنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز:

  لۇڭيەن ئۇمىچى

  تەييارلاش ئۇسۇلى: لوڭيەن قېقى، يېپىشقاق گۈرۈچ، نىلۇپەر ئۇرۇقى، سۇ لەيلىسى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى سۇدا قاينىتىپ ئۇماچ قىلىمىز، ھەربىر ئادەمنىڭ تەم جەھەتتىكى ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئازراق شېكەر قوشساقمۇ بولىدۇ.

  رولى: زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن يۈرەك ۋە تال زەخىملىنىشتىن پەيدا بولغان كەم قانلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق بىئارامسىزلىق ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ.

  لۇڭيەن چېيى

  تەييارلاش ئۇسۇلى: لۇڭيەن ئېتى سېلىپ قاينىتىلغان قايناقسۇغا قىزىل چاينى سېلىپ دەملەپ ئىچسە بولىدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ تەم جەھەتتىكى ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئازراق شېكەر قوشساقمۇ بولىدۇ.

  ​ شىپالىق رولى: ئاشقازاننى ئىللىتىپ، سوغۇق ۋە نەملىكنى ھەيدەيدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، لوڭيەن مېۋىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، ئوڭايلا بەدەندە ئوت ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، بەدىنىدە بەلغەم، ئوت ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر جۇڭگو تېبابىتى ئوزۇقلۇقشۇناسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشقا يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  چىلان

  تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ

  قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىدۇ

  ئاق شەبنەم چۈشۈشنىڭ ئالدى-كەينى چىلان پىشىدىغان پەسىل بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى چىلانلار بازارغا كىرىدۇ. ۋېي گو مۇنداق كۆرسەتتى: چىلاننىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، تال ۋە ئاشقازاننى تەڭشەشتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. غەرب تېبابىتى ئوزۇقلۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېڭى چىلان بىلەن قۇرۇق چىلاننىڭ قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چىلان تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن P مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مېۋە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز:

  چىلان شورپىسى

  تەييارلاش ئۇسۇلى: چىلاندىن 20-10 تالنى قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ.

  شىپالىق رولى: تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ھارغىنلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، قان ئازلىق، چىرايى سارغىيىش، ئىچى تىتىلداش قاتارلىق بىئارامسىزلىق ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  چىلان چېيى

  تەييارلاش ئۇسۇلى: چىلان سېلىپ قاينىتىلغان شورپىغا قىزىل پەمىل چاينى سېلىپ دەملەپ ئىچسە بولىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

  رولى: تال ۋە ئاشقازاننى ئىللىتىش ۋە قۇۋۋەتلەش، سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش رولىغا ئىگە بولۇپ، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىزلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ.

  ھەسەل، زەنجىۋىل قوشۇلغان چىلان لۇڭيەن شورپىسى

  تەييارلاش ئۇسۇلى: لۇڭيەن ئېتى، چوڭ چىلاننى پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، تۆۋەن ئوتتا %70 پىشقىچە قاينىتىپ، زەنجىۋىل شىرنىسى ئارىلاشتۇرۇپ قايناتقاندىن كېيىن قازاندىن ئېلىپ، مۇۋاپىق ئۆي تېمپېراتۇرىسى ھالىتىدە ھەسەل قوشۇپ، بوتۇلكا ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى ھىم ئېتىمىز.

  شىپالىق رولى: ھەر كۈنى ئالتە تالدىن سەككىز تالغىچە لۇڭيەن ئېتى، چوڭ چىلان يېسەك بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق، تال ئاجىزلىق، كەم قانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چىرايى سارغىيىپ كېتىش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

  ياڭاق

  بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئىسپېرمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ

  ئۆپكىنى ئىللىتىپ ھاسىراشنى پەسەيتىدۇ

  ۋېي گو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياڭاقنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، ئۆپكىنى ئىللىتىپ دېمى سىقىلىشنى پەسەيتىش، ئۈچەينى سىلىقلاش رولى بار. ياڭاق مېغىزى قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار، كېسەلدىن كېيىنكى قەۋزىيەت، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق ئالامەت كۆرۈلگەن كىشىلەر ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

  نورمال كىشىلەر توپى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياڭاقنى مۇۋاپىق مىقداردا يېسە بولىدۇ، مەسىلەن: ناشتىلىقتا ياڭاق مېغىزىنى ئۇماچ، ئارپا ياكى قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؛ ئادەتتە قورۇما قورۇغاندا ياكى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق تالقىنى قوشسا ياكى چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

  لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەلغەم ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، مەنپىيلىكى ئاجىزلاپ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان زىققا، ئىچى سۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشىلەر ياڭاق يېيىشكە ئانچە ماس كەلمەيدۇ، ئەگەر ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ يېتەكلىشىدە، باشقا يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.