ئاپتورلىرى: دوڭ تەيرۈي، شياۋ يەن
باش كۈز مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئارال شەھىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش مەدەنىيەت باغچىسى، بىنخې باغچىسى، توغراق دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە باغچىسى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك كۈز مەنزىرىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.
بىنخې باغچىسى بىلەن تارىم دەرياسى بىر-بىرىگە جور بولۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.
زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، كۆپكۆك ئاسمان گويا بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 1-شىسى ئارال شەھىرى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش، پاكىزلاش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئەتىيازدا گۈل، يازدا سايە، كۈزدە مېۋە، قىشتا يېشىللىق بار، سۈزۈك سۇ ئوراپ تۇرغان خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەركىزىي شەھىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.
شەھەر سۇ بىلەن ئورالغان.
بۇلۇتلار سۇ يۈزىدە ئەكس ئەتتى، ئوت-چۆپلەر باراقسان ئۆستى.
بىنخې باغچىسىدىكى قويۇق كۈز مەنزىرىسى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئارال شەھىرىدە پاكىز ھەم رەتلىك چوڭ-كىچىك كوچىلار ھەم ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى، گۈل -گىياھ، دەل-دەرەخلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ئېرىقلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، توغراق دەرياسى بويىدا سەيلە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.
سايە تاشلاپ تۇرغان ياپيېشىل دەرەخلەر.
شەھەر بۇرجىكىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر.
كۈز مەنزىرىسىگە چۆمۈش.
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: 1-شى 7-تۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە -رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزى
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى