تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كادىرلارنىڭ يۈكى يېنىكلىسىمۇ مەسئۇلىيىتى يېنىكلىمىدى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىشلىق مۇلازىمەت قىلدى

بايىنغولىن ئوبلاستى ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ مەسئۇلىيەتنى يۈكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

كادىرلارنىڭ يۈكى يېنىكلىسىمۇ مەسئۇلىيىتى يېنىكلىمىدى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىشلىق مۇلازىمەت قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، كورلا شەھىرىنىڭ تېكىچى يېزىسى شانەن مەھەللىسى ئەندا رۇيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق تاڭ سۈيسۈي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئاپتوموبىلىنى ئولتۇراق رايوندىكى بوش ئاپتوموبىل ئورنىغا توختاتتى. «ئەمدى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئىزدەشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

تاڭ سۈيسۈي ئەندا رۇيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ 2 - قارارىدا تۇرىدۇ، ئېچىش كارخانىسى ئولتۇراق رايوننىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى 1 - قارارغا پىلانلىغان، لېكىن 1 - قارار تۈرىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقتىن، ھەر كۈنى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ھەممە يەردىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئىزدەش بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ 2 - قارارىدا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ «باش ئاغرىقى»غا ئايلانغانىدى.

«ئەندا رۇيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىڭ ۋاقتىدا ھەل قىلىنىشى كورلا شەھىرى يولغا قويغان <ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇش> ۋە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، مەھەللىدە گىرەلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.» كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شانەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن مەھەللە قاتناش ساقچى تارماقلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، يول بويىغا 100 دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىپ بەردى.

«ئىلگىرى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن مەھەللىنىڭ ھەرقايسىسى بىر بۆلەكنى باشقۇراتتى، كورلا شەھىرى ئاساسىي قاتلام ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىنى مەھەللە باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، بايلىق بىلەن تەمىنلەش، نازارەت قىلىپ باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزەش ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى جانلاندۇردى» دېدى كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شوۋچېن.

بۇ يىلدىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، پائال ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ مەسئۇلىيەتنى يۈكلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

«تارقاق بېقىلىۋاتقان ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا 600 يۈەن، مەركەزلىك بېقىلىۋاتقان ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا 900 يۈەن...» باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى خار ئىنگىن كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ زاپاس كادىرى ما لىڭ خەلق ئىشلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەرتىپلەرنى ئۆگىنىۋاتاتتى.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا، باغراش ناھىيەسى بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش خىزمىتىنى ئالدىن باشلاپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ماس كېلىدىغان بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشنى قولىغا ئېلىشى، ياخشى ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باغراش ناھىيەسى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، پائال ئىزدىنىپ، مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇق - مەنپەئەتنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش شەكلى ئارقىلىق يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا قوبۇل قىلىنغان مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدىغان خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قىيىپ كەتمەسلىكى، شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ما لىڭ باغراش ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى باشقۇرغۇچىسى، خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان. «بۇ بىرنەچچە ئايدا مەن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، كەنتنىڭ ئەھۋالىنىمۇ پىششىق ئىگىلىدىم. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشى چىقىپ مېنى ياردەمگە چاقىرسا قىينىلىپ قالمايمەن» دېدى ما لىڭ.

«ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا مەسئۇلىيەت يۈكلىنىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، تۈرلۈك تەشكىلاتلار پائال ماسلىشىدىغان، ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان، ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى» دېدى باغراش ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ خار ئىنگىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى گو خۇڭ.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرى ئىجازىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى «تىزىملىك شەكلى»دە چاپلاپ، كەنت (مەھەللە) پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى يېتەكچى قىلغان تەشكىلىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تەشكىلاتنىڭ ئاخىرقى ئۇچ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر يىغىن تۈزۈمى، چاقىرغۇچى تۈزۈمى ۋە كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرى ھۆددىگە ئېلىش، ئالاقىلىشىش تۈزۈمى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپتىن «سېلىق سېلىش» ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي تۈردە مەنبەدىن ئازايتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىنى تەكرار «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» خىزمەت يۈكىنى يېنىكلەتتى.

«بۇ يىل، كورلا شەھىرى مەھەللىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشتىكى مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرى ۋە ماسلىشىش ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمەن تىزىملىك دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان خىزمەت ئىش تۈرلىرىدە، ئەگەر ھەقىقەتەن مەھەللە ھەمكارلىشىپ بېجىرىشكە توغرا كەلسە، جەزمەن شەھەرلىك يۈكنى يېنىكلىتىش ئىشخانىسىنىڭ تەرتىپ بويىچە ئىجازەت بېرىشىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك» دېدى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى تيەن لېي.

«يۈكنى يېنىكلىتىش مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش دېگەنلىك ئەمەس، بىر يىغىن تۈزۈمى مەھەللە كادىرلىرىنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ئۆستى، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چىڭىدى، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىشلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى» دېدى كورلا شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋيىڭ.

«ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ مەسئۇلىيەتنى يۈكلەشكە تۈرتكە بولۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەر ۋە شەكىلۋازلىقنى ھەل قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. بىز ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك ئىدارە قىلىش بايلىقلىرىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىساقلا، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈي جىنسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمەت تەلىپى بويىچە، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، كونكرېت تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، زېھنىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.