تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«بىز بۇ ئۆمرىمىزدە بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى دۆلەت خەزىنىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جياڭ شياۋخۇڭ 2016 - يىلىدىن باشلاپ ئارىلاپ ھەر قېتىم 23 سائەت پويىزغا ئولتۇرۇپ، بەش يېرىم سائەت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتىگە بېرىپ، تۇتۇق قىزى ئايمىرە روزى ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ تۇردى.

«تۇتۇق ئاپا قاراڭ، بۇ سىز ماڭا سوۋغا قىلغان سۆسۈن رەڭلىك يۇڭ قونچاق، مەن ھەر كۈنى ئۇنى قۇچاقلاپ ئۇخلىسام بەك تاتلىق ئۇخلايمەن.» 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئايمىرە ۋە ئاپىسى زۇلەيخان روزى سىن ئارقىلىق جياڭ شياۋخۇڭ بىلەن مۇڭداشتى.

2016 - يىلى ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، جياڭ شياۋخۇڭ بىلەن زۇلەيخان روزى ئائىلىسىدىكىلەر تۇغقانلاشتى. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئايمىرە بىلەن ئىنىسى ئاپىسىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ، قىزىقىپ بېشىنى سوزۇپ جياڭ شياۋخۇڭغا قاراپ تۇردى، چاقناپ تۇرغان چوڭ كۆزلەر جياڭ شياۋخۇڭنىڭ قەلبىنى ئېرىتتى.

جياڭ شياۋخۇڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بالىلارغا ئىككى قولىنى سوزدى، قىزغىن تەبەسسۇم ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، بالىلار خىجىل بولغان ھالدا ئاپىسىنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى.

كەچتە جياڭ شياۋخۇڭ بىلەن زۇلەيخان بىرلىكتە كەچلىك تاماق ئەتكەچ مۇڭداشتى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، جياڭ شياۋخۇڭ بالىلارنى باغرىغا بېسىپ، ئۇلارغا بالىلار ھېكايىسى ئېيتىپ بەردى، قەلبلەرمۇ ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتى.

شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇق مېھرى قەدەممۇقەدەم ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

ھەر قېتىم جەم بولغاندا، جياڭ شياۋخۇڭ ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، يېڭىنى تۈرۈپ زۇلەيخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلدى، كەچلىرى بىللە تاماق ئەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، جياڭ شياۋخۇڭ بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ قىزىقىشلىرىنى چۈشەندى. «زۇلەيخان پولۇغا ئامراق، ئۇنىڭ ئېرى لەڭمەنگە ئامراق، ئوغلى ئاچچىق تاماقلارنى يېيەلمەيدۇ، قىزى تاماق تاللىمايدۇ، ھەممىنى يېيەلەيدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئىشتىھاسىغا ئاساسەن تاماقنى ياخشى ئېتىمەن، ھەممىسى مېنىڭ ھۈنىرىمنى ياخشى ئىكەن دېيىشىدۇ» دېدى جياڭ شياۋخۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئايمىرەنىڭ نەزەرىدە جياڭ شياۋخۇڭ باھار شامىلىدەك ئىللىق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە، دائىم جياڭ شياۋخۇڭنىڭ سىيماسىنى كۆرەلەيتتى.

«ئەتىيازدا، ئۇ بىزگە ھەمراھ بولۇپ كۆكتات تېرىپ، ئۈزۈم بارىڭى ياساپ، ھويلىلارنى يىغىشتۇرىدۇ؛ يازدا، بىز بىلەن بىللە ئېتىزغا بېرىپ ئوت ئوتاپ، زىرائەتلەرنى يىغىدۇ؛ كۈزدە، بىز بىلەن بىللە كۆممىقوناق ئۈزىدۇ، ياڭاق ئۈزىدۇ» دېدى ئايمىرە.

بالىلار كۈندىن - كۈنگە چوڭ بولۇپ، مەكتەپكە كىردى، زۇلەيخاننىڭ بوش ۋاقتىمۇ كۆپەيدى. «ھازىر مەكتەپنىڭ شارائىتى ياخشى، چۈشلۈك تاماقمۇ مەكتەپتە ھەل قىلىنىدۇ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرغىنىڭىزدىن كۆرە، سىزگە خىزمەت تېپىپ بېرەيمۇ؟» دەپ سىناق تەرىقىسىدە سورىدى جياڭ شياۋخۇڭ. زۇلەيخان سەل ئىككىلەنگەن ھالدا: «مەن شۇنچە يىل ئۆيدە ئولتۇردۇم، ھېچقانداق ماھارىتىم يوق، نېمە ئىش قىلالايدىغىنىمنى بىلمەيمەن» دېدى.

«ئوبدان سىڭلىم، بىلمىسىڭىز ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. كەنتتە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى بار، زاۋۇتقا كىرگەندىن كېيىن يەنە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەنمۇ بار تۇرسام، نېمىدىن ئەنسىرەيسىز؟» جياڭ شياۋخۇڭنىڭ سۆزى زۇلەيخاننىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

ناھايىتى تېزلا، جياڭ شياۋخۇڭ زۇلەيخانغا ياردەم قىلىپ ئاياغ زاۋۇتىنى ئۇقۇشۇپ بەردى، ئۇنىڭغا ماھارەتنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەشنى تاپىلىدى. ئاياغ زاۋۇتىغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، زۇلەيخان پىشقان ئىشچىغا ئايلىنىپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى. جياڭ شياۋخۇڭنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن زۇلەيخاننىڭ ئېرى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى قىلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«ئىلگىرى تاماق ئېتىش، ئۆي يىغىشتۇرۇشنىلا بىلەتتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭمۇ پۇل تاپالايدىغانلىقىمنى راستتىنلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاچامغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى زۇلەيخان چىن كۆڭلىدىن.

زۇلەيخاننىڭ خىزمىتى بار بولۇپلا قالماي، كىيىنىشى، ياسىنىشىمۇ بارغانسېرى مودا بولۇپ كەتتى. «ھەر قېتىم كەلگىنىدە ئاچام ماڭا گىرىم بۇيۇملىرى ئالغاچ كېلىپ، ماڭا گىرىم قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، ئېرىمگە يەنە توكلۇق ساقال ئالغۇچ سوۋغا قىلدى. بىز ھازىر ھەر قېتىم سىرتقا چىقماقچى بولساق، خېلى ئۇزاق جابدۇنىمىز، ئادەمنىڭ ئىشەنچى ئاشسا، نېمە ئىش قىلسا غەيرەتكە تولىدىكەن» دېدى زۇلەيخان كۈلۈمسىرىگىنىچە.

ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشى ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتىدىغان بولدى، جياڭ شياۋخۇڭ ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇلارنىڭ رۇخسەت سورىشىغا قەتئىي يول قويماي، ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۇ ئۆيدە ھەم ئۆي يىغىشتۇرۇپ، ھەم تاماق ئېتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ جەم بولۇشىنى كۈتەتتى.

بەزىدە جياڭ شياۋخۇڭ كەلگەندە، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئارام ئالغان بولسا، زۇلەيخان بالدۇرلا تاماق تەييارلاپ، يول ئېغىزىغا ئۇنى ئالغىلى بالدۇرلا بارىدۇ. «بىز ئۇرۇق - تۇغقان، بىر مەزگىل كۆرۈشمىسەكلا بەك سېغىنىمىز، بىز بۇ ئۆمرىمىزدە بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلمايمىز» دېدى زۇلەيخان.

ئەينى يىللىرىدىكى قورقۇنچاق، تارتىنچاق ئايمىرە بۈگۈنكى كۈندە 15 ياشقا كىردى، ئۇ ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم جياڭ شياۋخۇڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرىدۇ.

«تۇتۇق ئاپام ماڭا ياخشى ئۆگىنىپ، كېيىن جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇڭ، دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئەڭ كۆپ دەيدۇ. مەن چوقۇم تىرىشىمەن، بۇ يەنە مېنىڭ كۈرەش نىشانىم. بىز ئۆمۈرلۈك ئانا - بالا، ئۆمۈرلۈك ئۇرۇق - تۇغقان بولۇشقا پۈتۈشتۇق، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئادەم بولىمەن» دېدى ئايمىرە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.