تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: دۆلىتىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ئومۇمىي سانى 17 مىليون 929 مىڭ 700گە يەتتى

     مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ بۈگۈن (9-ئاينىڭ 8-كۈنى) مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان. مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچى سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇتقۇچى ئومۇمىي سانى 17 مىليون 929 مىڭ 700گە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 609 مىڭ 400 ئادەم كۆپىيىپ، %3.52 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى %6.11، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى %5.44، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى %5.34 ئېشىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جەمئىي 1 مىليون 910 مىڭ ئادەم قېتىم بېكىتىشتىن ئۆتۈپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %28.7 ئاشقان. 

     «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»دا ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە 1 مىليون 30 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلاندى 

     «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»دا بۇ يىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا 84 مىڭ 300 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىدۇ، بۇ پىلان يولغا قويۇلغان 16 يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە 1 مىليون 30 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلاندى. «ئۈچ رايون»نى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قوللاش پىلانى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانى يولغا قويۇلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، 21 مىڭ ئوقۇتقۇچى چەت، يىراق رايونلار، مىللەتلەر رايونلىرى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيەلەرگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىپ، دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ناھىيەلەرگە، ئەسلىدىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا نۇقتىلىق يۈزلەندۈرۈلدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ «پېشقەدەملەر لېكسىيە سۆزلەش پىلانى» داۋاملىق يولغا قويۇلدى. بۇ پىلان 2018-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پېنسىيەگە چىققان 10 مىڭغا يېقىن مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى يېزا-كەنت مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەندى. بۇ يىل جەمئىيەتتىكى پېنسىيەگە چىققان مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىدىن 4500ى داۋاملىق تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 18 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئالىي مەكتەپ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلىرى غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش پىلانى كېڭەيتىپ يولغا قويۇلدى. 2020-يىلى، 61 ئالىي مەكتەپتىن 146 نەپەر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى تاللاپ ئەۋەتىلدى. پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسور، دوتسېنتلار بۇ يىل داۋاملىق غەربىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مائارىپقا، تەتقىقاتقا ياردەم بېرىش بويىچە ئەۋەتىلدى، ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر 75 ئالىي مەكتەپكە ۋە قىسمەن ئۆلكىلەر بىرلىشىپ قۇرغان ئالىي مەكتەپلەرگىچە كېڭەيتىلدى، ياردەم بېرىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئونغا ئاشۇرۇلدى، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان ئادەم سانى 300 نەچچىگە كۆپەيتىلدى. 

(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى پەن خۇڭشۈ، چەي دەنفېڭ، لى جىگۇي) 

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى