تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: تۇتاش كەتكەن گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنى باي قىلدى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى جىنشۈياڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، سۇن ۋېيگو گۈل دېڭىزىدا كىچىك پويىزغا ئولتۇرغان ساياھەتچىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ سالاملاشماقتا. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گو جۈنگې)

  ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

  بايان قىلغۇچى: سۈن ۋېيگو

  تۇرۇشلۇق جايى: ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ شياۋدۇڭگوۋ كەنتى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گو جۈنگې

  9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ 500 مودىن ئارتۇق يېرىدىكى دالىخۇا، مەيگەنجۈ قاتارلىق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، گۈل ئېتىزىنى سەيلە قىلدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  بۇ يەردە ساياھەتچىلەر گۈل ئېتىزىنى سەيلە قىلالايدۇ، يەنە سەيلە كىچىك پويىزىغا ئولتۇرىدۇ، دېھقان تامىقىغا ئېغىز تېگىدۇ، شۇنداقلا ئۆز قولى بىلەن كۆكتات ئۈزىدۇ... كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ گۈل  ئېتىزىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئەزالىرى يېتىشەلمەي، يەنە كەنتتىكى ئون نەچچە ئاھالىنى ياردەملەشتۈردۇق.

  بۇنداق ئۆزگىرىشنى بەش يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئەينى چاغدا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  قاتتىق دېتال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، كەنت يەنە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت ئىستىراھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى كۆپەيتتى.

  شۇنداق قىلىپ، كەنتنىڭ قىياپىتى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، كەنتتە ساياھەتچىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. سودا پۇرسىتىنى كۆرگەن بەزى كەنت ئاھالىسى نەزەرىنى ساياھەتكە قاراتتى، يەنە بەزىلەر خىزمەت ئەترىتى يېڭىدىن قۇرغان مەيداندىكى يايما ئورنىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئۇششاق يېمەكلىكلەر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

  بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۇرالماي قالدىم، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەرنى ئىزدەپ كۆرۈشتۈم. ناھايىتى تېزلا، ئۇلارنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە قوللىشى بىلەن، 2017-يىلى، مەن بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن جىن شۈياڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، كەنتتىكى 1000 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، گۈل-گىياھ، كۆكتات تېرىشقا باشلىدىم.

  ئويلىمىغان يەردىن، كەنتنىڭ ياردىمىدە ئەينى يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرگەن ئون نەچچە خىل گۈل-گىياھ 10-ئايغىچە ئېچىلىپلا تۇردى. تۇتاش كەتكەن گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى كەنتىمىزنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈپ، ھەميېنىمىزنى تومپايتتى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپى گۈل-گىياھ بازىسى قۇرۇشقا تايىنىپ، تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئاچتى. بۇ ۋاقىتتا، كەنتمۇ ئېكولوگىيە ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ساياھىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سەيلە-ساياھەتتىن سودا ئىشلىرى، ئىستىراھەت، ئىستىراھەت ساياھىتىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق تۈرى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئېچىش تۈرى، يېمەك-ئىچمەك، ئۈزۈش قاتارلىقلارنى كۆپەيتتى.

  2020-يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز يەنە شىنجاڭ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىدىكى سەرخىل باغ-ھويلىلار قاتارىغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن تونۇلۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆسۈپلا قالماي، يەنە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ سىياسەت مەدىتىگە ئېرىشىپ، تەرەققىياتتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى.

  ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئۆستۈرگەن گۈل-گىياھ تۈرىلا 40 خىل بولۇپ، ئەزالار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىمىز بۇ گۈللەرگە ئوخشاش گۈزەل ئۆتمەكتە.

  مۇخبىر قول يازمىسى

  «گۈزەل ئىقتىساد» يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

  سۈن ۋېيگو ھېس قىلغان ئۆزگىرىشلەر دەل ئۈرۈمچى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن يېزا ئىگىلىك بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشكىچە بولغان «مول ھوسۇل مېۋىسى» ھېسابلىنىدۇ.

  گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېزا-كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت، سەيلە-ساياھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەدرىجىي ھالدا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، گۈزەل يېزا-كەنتلەر «گۈزەل» ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

      

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى