9-ئاينىڭ 5-كۈنى، پىدائىي بىلەن كەنت ئاھالىسى ئۈزۈملۈكتە ئۈزۈم ئۈزمەكتە. (باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)
ئانار بۇلۇت خەۋىرى ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ بازىرى تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، تېرىلغۇ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىقتىن، «ئۈزۈم كەنتى» دەپ ئاتالغان. ھازىر بۇ كەنتتىكى 2800 مودىن ئارتۇق ئۈزۈم ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىشىغا ياردەم بەردى.
تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنتىدە ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم. (باۋ لياڭتىڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسى جىلانتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى زاراڭزا ئورۇماقتا. (ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى)
نۆۋەتتە، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 130 مىڭ مو زاراڭزا كەينى-كەينىدىن ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 8000 توننىدىن يۇقىرى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ ناھىيەنىڭ بۇ يىللىق زاراڭزا ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 250 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 1000 يۈەن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسى جىلانتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى زاراڭزا ئورۇماقتا. (ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 3-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى پەيشەنبە بازار يېزىسى توپادۆڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى باغدا شىنمېي ئۈزمەكتە. (ئەنۋەرجان ئىمىن فوتوسى)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى دېھقانلارنى شىنمېي قاتارلىق خاس باغ-ئورمان يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا پائال رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.