تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خوتەننىڭ نانچىلىق كەسپىدە يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى

تيەنجىن:

خوتەننىڭ نانچىلىق كەسپىدە يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرىدىكى «گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى» نامراتلارنى يۆلەش بازىسىغا كىرگىنىمدە، ناننىڭ خۇش ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلدى، بۇ بازارنىڭ ئىنچىكە ئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن ئابدۇغېنى ئۇچىسىغا خىزمەت كىيىمى كىيگەن بولۇپ، خېمىر يۇغۇرۇش، نان يېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «مەن كۈندە 500دىن ئارتۇق نان ياقىمەن، ئايلىق كىرىمىم 4000 يۈەن ئەتراپىدا، كۈنلىرىم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى مەمتىمىن پەخىرلەنگەن ھالدا.

نان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى مەززىلىك يېمەكلىكى، شۇنداقلا تېز قەد كۆتۈرۈۋاتقان كەسىپ.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ناننى چۆرىدەپ ئىش باشلىدى. 2019 - يىلى تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 4 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، خۇاشى خۇيتۇڭ(تيەنجىن) تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، كېرىيە ناھىيەسى گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نانچىلىق كەسپىنى ئىلگىرىكى پارچە - تارقاق، كىچىك كۆلەملىك تىجارەتتىن تەدرىجىي ھالدا تۈجۈپىلەشكەن، كۆلەملەشكەن تەرەققىيات يولىغا باشلىدى.

«نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە ئۆلچەملەشكەن مەھسۇلات سۈپىتىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىلمىي، ئۈنۈملۈك كەسىپ ئەندىزىسىگە ئېھتىياجلىق» دېدى كېرىيە ناھىيەسى گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈن لياڭ.

سۈن لياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نان مەززىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ھېكايىسىمۇ بار. بۇنىڭغا قارىتا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن بىللە، كېرىيە ناھىيەسى گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيىتى، ھېكايىسىنى قېزىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسى، خوتەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت ۋە ۋەنفاڭ كېرىيە قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن ئالتە چوڭ تۈر بويىچە 50 نەچچە خىل نان مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. نۆۋەتتە، گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى شىركىتى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ۋە ئۈرۈمچى گاۋتيې ۋوگزالى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 22 ئايرودۇرۇم ۋە ئۈرۈمچى گاۋتيې ۋوگزالىنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس تىجارەت دۇكىنى تەسىس قىلدى.

تيەنجىن شەھىرى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش - كېڭەيتىش، شۇ جاينىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىدە يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، «گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى» پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تېپىپلا قالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر نام كارتىسىغا ئايلاندى، يەنە شۇ جايدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 700گە يېقىن ئائىلىنىڭ نەپ ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى گۈزەل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئەلى ئابدۇغېنىنىڭ نان يېقىش ھۈنىرى ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان بولۇپ، بازاردا ئۆزى ئۆيدە ياققان نانلارنى سېتىشتىن ناۋايخانا ئاچقىچە كىرىمى ئىزچىل مۇقىم بولماي كەلگەنىدى، بەزىدە بىر كۈن ياققان نېنىنى ئۈچ - تۆت كۈندە ئاران سېتىپ بولاتتى.

«گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى» نامراتلارنى يۆلەش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناۋايلىق ھۈنىرى بار ئەلى بۇ بازىغا كىرىشكە تىزىملاتتى. «بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ناۋايلىق ھۈنىرىم يەنە خېلى ئۆستى. ھازىر مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، ئائىلىمىزگە يېڭى ئۆي جاھازلىرىنى ئالدۇق، تۇرمۇشىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.» بۇ گەپلەرنى دېگەندە، ئەلىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

«گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى» نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا كۈنىگە 80 مىڭ نان يېقىلىدۇ، ئوخشىمىغان تەمدىكى نانلارغا يەنە قىزىلگۈل گۈلقەنتى، لازا قىيامى، ياڭاق مېغىزى، پىننە گۈلقەنتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال 3000 كىلوگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى بۇغداي، قىزىلگۈل، ياڭاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تۈرتكە بولدى، تېرىقچىلىققا قاتناشقان دېھقان ئائىلىلىرى ئايدا كىشى بېشىغا 800 يۈەن كۆپ كىرىم قىلدى.

«<گۈزەل قاشتېشى مەززىلىك نانلىرى> نامراتلارنى يۆلەش بازىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ جەزمەن بارىدىغان جايىغا ئايلاندى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز كېڭەيتىپ قۇرۇلغان 2 - قارارلىق زاۋۇتتا قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى سىناپ بېقىش رايونىنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى نان يېقىش جەريانىنى سىناپ بېقىپ، نان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى سۈن لياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.