ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يېقىندا 3-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق بازار(يېزا)لارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 11 جاي ۋە ئالتە جاي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇ تىزىملىككە كىردى.
بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر: قابا ناھىيەسىنىڭ تېرەكتى يېزىسى بەيخابا كەنتى، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى تاستى كەنتى(تاش كەنتى)، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى بەيگە تۆپە كەنتى، سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئارال شەھىرى 16-تۇەنىنىڭ 1-ليەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى باشئەگىم شەھىرى 27-تۇەنىنىڭ 8-لىيەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجىياچۈ شەھىرى خۇڭچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 11-ليەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شىسى 161-تۇەنىنىڭ 8-ليەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شىسى قۇرۇمقاش شەھىرى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 1-ليەنى.
مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق بازار(يېزا)غا: كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېگىنبۇلاق يېزىسى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 ـ شىسى كۆكدالا شەھىرىنىڭ 71-تۇەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى بېيتۈن شەھىرىنىڭ 185-تۇەنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى تاللاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن رايوندا يېزا-كەنت ساياھەت توپى بارلىققا كەلدى، بۇ قېتىم تاللانغان يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق بازار(يېزا)لار بۇ ئۆزگىرىشنى نامايان قىلدى.
ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتتىن 67سى بار.