تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

​بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى

خۇبېي:​

بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«نۆۋەتتە، <مەكتەپ شۆيۈەنگە ياردەم بېرىش>تىن ئىبارەت نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى قوزغىتىلغان بولۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن بورتالا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار شۆيۈەنىمىزنىڭ 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەنىنىڭ شۆيۈەن باشلىقى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، شۆيۈەننىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ» دېدى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بورتالا كەسپىي شۆيۈەنى» دېيىلىدۇ)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى جوۋ شۆۋېي.

يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى، خۇبېي جۇڭيى تېبابىتى داشۆسىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا ماسلاشتۇرۇپ، بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توققۇز ئەلا سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ (قوش ئالىي كەسپىي مەكتەپ، ئۈلگىلىك مەكتەپ، تايانچ مەكتەپ، ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپلەر)نى تەشكىللەپ بورتالا كەسپىي شۆيۈەنى بىلەن «<مەكتەپ شۆيۈەنگە ياردەم بېرىش>تىن ئىبارەت نىشانلىق قوللاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاپ، «9+2» ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى «مەكتەپ شۆيۈەنگە ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئېچىپ، شۆيۈەننىڭ كۆلەمنى زورايتىپ سۈپەت ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، شۆيۈەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىدە، ھەربىر 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەننىڭ ئىشىكىگە خۇبېي نىشانلىق ياردەم بەرگەن شۆيۈەننىڭ تارماق شۆيۈەنى دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلدى. «نىشانلىق ياردەم بەرگەن مەكتەپلەر شۆيۈەنىمىزنىڭ 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەنىنى ئۆزىنىڭ 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەنى دەپ قاراپ باشقۇرىدۇ، ئاساسلىقى كەسىپ قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچى بايلىقى قوشۇنى، ئەمەلىي مەشىق بازىسى قاتارلىق تەرەپلەردە ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريان بويىچە ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەنلەرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شۆيۈەننىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى» دېدى جوۋ شۆۋېي.

خۇبېي ئۆلكىسى ئەڭ بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلار «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بىرى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە، بورتالا ئوبلاستى بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىنى قۇرۇپ، شۇ جايدا ئالىي كەسپىي مەكتەپ بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى داۋامىدا، بىز خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، <مەكتەپ شۆيۈەنگە ياردەم بېرىش>تىن ئىبارەت بىرگە بىر دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدۇق» دېدى خۇبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، بورتالا ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ شيەنفېڭ.

2016 - يىلىدىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن كەسپىي شۆيۈەننى ماسلاشتۇرۇپ سەككىز تۈركۈمدە 121 ئادەم قېتىم بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىگە قىسقا مۇددەتلىك ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتكەن. «سەككىز تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوخشىمىغان 43 مەكتەپتىن كەلگەن، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىدا پەرق بولغاچقا، جىپسىلاشتۇرۇش بىر ئاز قىيىن بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولمايتتى. ھازىر بىز خۇبېي ئۆلكىسىدىكى توققۇز ئەلا سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپنى تاللاپ، مەكتەپنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كەسپىنى بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ ئوخشاش كەسىپتىكى 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەنىگە ئۇيغۇنلاشتۇردۇق. بۇنداق بولغاندا، ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېنىق، ياردەم بېرىشى تېخىمۇ دەل جايىدا بولىدۇ.» ۋۇ شيەنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى يەنە بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش كادىرلىرى ۋە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاپ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ۋەزىپە بىلەن ئۆگىنىشكە ئەۋەتتۇق؛ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىگە كېلىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەش ۋە دەرس ئوقۇتۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق مائارىپ، ئوقۇتۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق؛ بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردۇق؛ قەرەللىك ئۆزئارا زىيارەتنى قانات يايدۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ئۆستۈردۇق.

«بىز 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <دەل جايىدا> ياردەم بېرىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بورتالا كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش خاسلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىمىز. مائارىپنىڭ <يۇمشاق، قاتتىق ئەمەلىي كۈچى>نى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستىغا تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مائارىپ باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىمىز» دېدى ۋۇ شيەنفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.