تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بەيتىك تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چاقپەلەكلەر

بەيتىك تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئەتراپىدىكى شامال ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار بازىسى (8-ئاينىڭ 29-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت خەۋىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسىدىكى بەيتىك چارۋىچىلىق مەيدانى شامال ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر يىلدا 300 كۈنگە يېقىن بوران چىقىدۇ، شامال كۈچى بايلىقى ۋە يورۇقلۇق بايلىقى مول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شى پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسىدىن 17نى بەيتىك تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىغا ماكانلاشتۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىشىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش بىلەن بىللە، شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭخې خۇينېڭ چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئېگىزلىكتە شامال كۈچى گېنېراتورىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭخې خۇينېڭ چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئېگىزلىكتە شامال كۈچى گېنېراتورىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.