تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ مۇزېيى «مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ماروژنا»نى بازارغا سالدى

  ئېكىسكۇرسىيەچى يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن مېدال شەكىللىك بۆلجۈرگەن تەملىك ماروژنىنى كۆرسەتمەكتە. (8-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، شىنجاڭ مۇزېيى «مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ماروژنا» «يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن مېدال» ماروژنىنى بازارغا سالدى. بۇ ماروژنىنىڭ شەكلى شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان جەنگو دەۋرىدىكى يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق ئالتۇن مېدالدىن كەلگەن بولۇپ، بۆلجۈرگەن تەملىك ۋە سۈت تەملىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەمدە ياسالغان. شىنجاڭ مۇزېيى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بۇ ئىككى خىل تەمدىكى ماروژنىنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولۇپ، ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

  «ماروژنىغا چۈشۈرۈلگەن يولۋاسنىڭ شەكلى جانلىق، ئەينەن، ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئېغىزىمغا سېلىشقىمۇ كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ». ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئانار مۇنداق دېدى: «كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ماروژنى يېگەچ يەنە ماروژنى ئارقىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرگىلى بولىدۇ».

  «يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن مېدال» ماروژنىسىنىڭ ئەسلىي ئوبرازى — شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان جەنگو دەۋرىدىكى يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق ئالتۇن مېدال بولۇپ، ئەينەك ئىشكاپتا ئالتۇندەك چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. مېدال يۈزىدىكى يولۋاس بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، ئالدى پۇتى ئېڭىكىنىڭ ئاستىدا، ئارقا پۇتى بېشىنىڭ كەينىدە بولۇپ، بەدىنىنى كەينىگە قايرىپ يۇمىلاق شەكىل ھاسىل قىلغان بولۇپ، ناھايىتى جانلىق كۆرۈنىدۇ. جەنگو دەۋرىدىكى يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق ئالتۇن مېدال 1977-يىلى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالغۇي 30-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان. ئەينى يىلى، بۇ قەبرە ئارخېئولوگىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، قېزىۋېلىنغان زور مىقداردىكى ئالتۇن «خەيخۇنخوۋ» قەبرىستانلىقىدىكىدىن قېلىشمايدۇ. جەنگو دەۋرىگە ئائىت بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى تېنگېر چوققىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ يەر قەدىمكى يىپەك يولىدىكى «تىيانشان يولى»غا تەۋە.

  «مۇزېينىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلات تۈرلىرىنى بېيىتىپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك مۇزېي تەسىراتى بېرىش ئۈچۈن، بىز يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن مېدال شەكىللىك ماروژنى چىقارغاندىن باشقا، يەنە يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن مېدال شەكىللىك ئاچقۇچ ئاسقۇچ، توڭلاتقۇ چاپلىقى، يۈك -تاق ماركىسى، ئاتكرىتكا، ئىزنەك قاتارلىق بىر قاتار مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى چىقاردۇق». شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى گۇەن يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرى مول بولغان مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى <جانلاندۇرۇپ> ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى