8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى باشئەگىم شەھىرى تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى قۇملۇق، توغراقلىق، كېۋەزلىك، پويىزلار ئىناق بىللە تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ، پارچە-پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلىپ، باش كۈزدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەسىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا توسۇق بەرپا قىلدى.
(خەن جۈن)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى