تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈچ مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

ئەنخۇي:

نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈچ مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسى خېجيا يېڭى كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسى ئابباس مەمەتنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى؛ گۇما رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايەتلىك فېڭرەن ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى سۈبھىنۇر ئابلىكىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇرتىنى تونۇشتۇرماقتا ئىدى...

ئەنخۇي ئۆلكىسى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بەلگە قىلىنغان كەسىپلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»تىن ئىبارەت نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈچ مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، گۇمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«ئائىلىمىزنىڭ پارنىكىدىكى چەيزىلەر 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سېتىلدى» دېدى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئابباس مۇخبىرغا. خېجيا يېڭى كەنتى گۇما ناھىيەسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، 2018 - يىلى، ئابباس ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇما ناھىيەسىنىڭ سەككىز يېزا - بازىرىدىكى 597 ئائىلىلىك دېھقان خېجيا يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى ھەقىقىي كۆچۈپ چىقالايدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 37 مىليون 400 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجراتتى، بۇنىڭغا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى قوشۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىغا يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، 640 زامانىۋى پارنىك ياساپ بەردى ھەم ئەنخۇي ۋە ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا كۆكتات تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ، خېجيا يېڭى كەنتىدىكىلەرنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9756 يۈەنگە يېتىپ، كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى 3000 يۈەندىن كۆپرەكتىن خېلىلا ئاشتى. كۆكتات تېرىشنى ئۆگەنگەن ئابباس ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۆكتات پارنىكىنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىپلا قالماي، يەنە كارخانىنىڭ ئۈچ پارنىكىنى ھۆددىگە ئالدى، بۈگۈنكى كۈندە يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق شارائىتى ئەۋزەل، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مول. گۇما ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنى كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئۇدا بەش يىل ھەر يىلى ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش تۈرىگە 6 مىليون يۈەن مەخسۇس ياردەم پۇلى ئاجراتتى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى خاۋجوۋ، فۇياڭ، خۇەينەن، بېڭبۇ، چىجوۋ، ليۇئەن قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالتە ۋىلايەت، شەھەرنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى 16 يېزا - بازار بىلەن تۈزگەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

«2020 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 48 مىڭ 600 توننا سېتىشىغا ياردەم بەردۇق، سېتىشقا ياردەم بېرىش سوممىسى 615 مىليون يۈەنگە يەتتى» دېدى ئەنخۇيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۈلۇڭ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بەلگە قىلىنغان كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى فېڭرەن ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىمدە، خىزمەتچى رۇقىيە تۇرسۇننىياز بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە مەستانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى. ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىدا، بۇ شىركەت «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نى يولغا قويدى، رۇقىيە مۇنەۋۋەر خىزمەتچى سۈپىتىدە شىجياجۇاڭغا بېرىپ، سىنلىق سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش ھەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قاتارلىقلار بويىچە كەسپىي تەربىيەلەندى.

«بىز بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ماھارىتىمىزنى نامايان قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدۇق، مەن ھازىرقى خىزمىتىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن» دېدى رۇقىيە.

سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بەلگە قىلىنغان كەسىپلەر ھەم ئەقلىي ئىقتىدار كۆجۈملەشكەن كەسىپ، ھەم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىگە ماس كېلىدۇ، بۇ ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى «1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»ى ھېسابلىنىدۇ. 2020 - يىلى 5 - ئايدا، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى گۇما ناھىيەسىدە رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇشنى باشلىدى. ھازىر، گۇما رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىغا 20دىن ئارتۇق كارخانا ماكانلىشىپ، شۇ جايدىكى 2000غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان گۇما ئاياغ، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسىدا ھازىر 26 كارخانا كېلىشىم ئىمزالىدى، 11 كارخانا ماكانلىشىپ، 1300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، 2000 كىشىنى ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش تاماملاندى. گۇما ئاياغ، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2 - قارارلىق تۈرى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇ چاغدا، 8000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.