تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

​شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، قەشقەرنىڭ كەلگۈسىنى نۇرلاندۇردى

شەندۇڭ:​

شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، قەشقەرنىڭ كەلگۈسىنى نۇرلاندۇردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: «ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنلا مەن شىركەتكە بېرىپ خىزمەت قىلالايمەن، ھەر ئايدا 2500 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالالايمەن.» 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 30 ياشلىق غوجىئەخمەت ھېيت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەكتەپتە كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەمنى ئۆستۈردۈم.

غوجىئەخمەت يېڭىشەھەر ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە توكچىلىق كەسپىدە ئوقۇيدۇ، گەرچە مەكتەپكە كىرگىنىگە تېخى ئۈچ ئاي بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن كارخانا تەرىپىدىن ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى.

«ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش ئوقۇغۇچىلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ماھارەت ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.» شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھەرلىك تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ليۇ بىڭ مۇنداق دېدى: «ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش تەرەققىياتتىكى بىرىنچى <قىيىن نۇقتا>. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ ئادەمدە».

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، «قەشقەرنىڭ ئېھتىياجى»نى «شەندۇڭنىڭ قۇربىتى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسى بويىچە، «مۇتەخەسسىسلەر ئارقىلىق كوللېكتىپنى يېتەكلەش، قوشماقلىشىش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى يېتەكلەش، تۈرلەر ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش» ۋە يۇمشاق ئۇسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارغا زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كۆكتات تېرىقچىلىقى، چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىق بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەقلىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پىلان ئىچىدە تاللاپ ئەۋەتكەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە يۇمشاق ئۇسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىختىساسلىقلىرىدىن 1246 ئادەم قېتىمنى تاللاپ ئەۋەتىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن 120 مىڭ ئادەم قېتىمنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار چوغىنى چاچتى.

«يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە بارغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا بىزنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدىغان تېلېفون ئۈزۈلۈپ باقمىدى» دېدى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى تەتۈر كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان شەندۇڭلۇق تېخنىك دۇڭ جېنشياڭ. يۇمشاق ئۇسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇڭ جېنشياڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى «چىگىش، قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلە»لەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن باشقا، يەنە شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى.

«بۇ مۇتەخەسسىسلەر بەك قالتىس ئىكەن، لازىنىڭ زەخىملەنگەن يوپۇرمىقىنى كۆرۈپلا، سەۋەبىنى تاپالايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە داۋالىغاندا، نەچچە كۈنگە قالمايلا لازىلارغا جان كىرىدىكەن.» شەندۇڭلۇق ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ پارنىكتا تۆت ئايدىن كۆپرەك ئۆگىنىش ئارقىلىق، تەتۈر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئايشەم روزى چەيزە چېچىكىگە دورا چېچىپ چاڭلاشتۇرۇش، خاڭگانى سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، يەنە شوخلىنى قانداق تېرىغاندا تەمى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدى. «مەن شەندۇڭلۇق ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ يۇرتۇمغا بەخت يارىتىمەن» دېدى ئايشەم.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى ئارقىلىق شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشتىكى سۈپەتلىك ماركىسىنى ئۈزلۈكسىز چاقناتتى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دىققەتنى شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.» شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چېڭۋېي مۇنداق دېدى: «ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينى كۈچلۈك بولغان ئىختىساسلىقلار ئەقلىي تىرىكى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى ھەقىقىي تۈردە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان <يېڭى موتور>غا، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈشتىكى <گۆھەر ماكان>غا ئايلاندۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.