□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ
«تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۈزۈمىنىڭ نامىنى جاھانغا تونۇتقان.
شىنجاڭ پۈتۈن يەر شارى ئېتىراپ قىلغان ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنى قويۇق، كۈچلۈك تەمگە ۋە پۇراققا، شۇنداقلا تاننىن يۇمشاق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلغان. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئۈزۈم ھارىقى كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكىگە ئايلاندى، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا، ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم بازىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردى، مۇكەممەللەشتۈردى، ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرى جاي - جايلاردا قۇرۇلۇپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپى چوڭقۇر يۇغۇرۇلماقتا. سۈپەتلىك ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى.
كەسىپ تېز راۋاجلاندى
شىنجاڭ جۇڭشىن گوئەن ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك شىركىتىدە، يېڭى تۈردىكى ئۈزۈم ھارىقى جىددىي ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىدى، شۇنداقتىمۇ، يەنىلا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتاتتى.
بۇ يىل 4 - ئايدا جۇڭشىن گوئەن ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ نىيا رىۋايىتى 2018 - يىللىق سوۋىلۇن ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىتىلغان گەنخۇڭ ئۈزۈم ھارىقى 16 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ھاراقچىلىق يەرمەنكىسىدە شەرەپ بىلەن 2020 - يىللىق ئۈزۈم ھارىقى يېڭى تۈرى «چىڭجو مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، يەنە ئارقا - ئارقىدىن بىر تۈركۈم يېڭى زاكازلارنى قوبۇل قىلدى. «نىيا رىۋايىتى يۈرۈشلۈكىدىكى بەش خىل ھاراق يېقىنقى ئۈچ ئايدا ئۈزۈلمەي 120 مىڭ بوتۇلكىغا يېقىن ئىشلەپچىقىرىلىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، ئىستېمالچىلار ۋە كەسپىي زاتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، شىركىتىمىز ھازىر كېيىنكى زاكازلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىپ مال تەييارلاۋاتىدۇ» دېدى جۇڭشىن گوئەن ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك شىركىتى ماناس شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جۇڭخەي. كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ماناس كىچىك ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ تەبىئىي شارائىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىستېمالچىلارنى يېڭىلىق يارىتىلغان ھەم خاس ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۈزۈم ھارىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يەتتە ئۈلۈش خام ماتېرىيال، ئۈچ ئۈلۈش ھۈنەر - سەنئەت. بۇ ئىككى كۈندە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھاراق ئېچىتىش ئۈزۈمچىلىك بازىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ يەر تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل سانجى ئوبلاستى سورتلۇق ساغلام كۆچەتلەرنى يېتىشتۈرۈش، يەر تۈزلەپ ئۈنۈمدارلىقىنى يېتىلدۈرۈش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇش قاتارلىق يانداش تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ كۆلىمىنى يېڭىدىن 13 مىڭ مو كۆپەيتىپ، كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كىچىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئارقىلىق چوڭ كەسىپلەرگە تۈرتكە بولدى.
تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى 1998 - يىلى باشلانغان بولۇپ، 20 نەچچە يىل تەرەققىي قىلىپ، غەربتە شىخەنزە شەھىرى، ماناس ناھىيەسىدىن، شەرقتە فۇكاڭ شەھىرىگىچە بولغان 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق ھاراق ئېچىتىش ئۈزۈمچىلىك كەسپى بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىنى 52 مىڭ توننا ئۈزۈم ھارىقى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۈزۈم ھارىقى بىلەن تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندى.
«1964 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، تۆت تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپى سانائەتلەشتۈرۈپ مىقدار بويىچە ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىگە، ھاراقچىلىق بازىسى ماس قەدەمدە يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى. ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئىلى دەرياسى جىلغىسى، يەنجى ئويمانلىقى، تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئىشلەپچىقىرىش جابدۇق سەۋىيەسى مەملىكەت ئىچىدىكى ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يېنىك سانائەت كەسپى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى يۈندې مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خاسلىققا ئىگە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا 134كە يەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن 19ى بار.
ھاراق ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، كىشىلەر بىلمىسە بىكار. شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك ماركىلىرىنىڭ تەسىر كۈچى تەدرىجىي ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو «ئۈزۈم ھارىقى ھاراقچىلىق بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھاراق» تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن 35 كارخانا ئىچىدە، شىنجاڭدا ئونى بار. شىيۈ، نىيا، تاڭتىڭ شيالۇ، لوۋلەن، شياڭدۇ، فاڭشياڭ، تيەنسەي، جۇڭفېي، يىجۇ، شىنيا، تولىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم بازاردا بەلگىلىك تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە ئۈزۈم ھارىقى سۈپەتلىك ماركىلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ شەكىللەندى. گەنخۇڭ، گەنبەي، تاتلىق تىپتىكى ھاراق، كۆپۈكى بار ھاراق، ئۈزۈم ھارىقى، خاس مېۋە ھارىقى، گىرادۇسى كۈچلۈك ھاراق قاتارلىق يەتتە چوڭ يۈرۈشلۈك ئۈزۈم ھارىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلار شەكىللەندى.
بازار ئىستىقبالى ياخشى بولدى
ئۈزۈملۈك كەڭ تارقالغان تۇرپاندا ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تېزلەشمەكتە.
تۇرپان لوۋلەن ھاراق زاۋۇتىنىڭ 10 مىڭ توننىلىق ئۈزۈم ھارىقى بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئۈزۈم شىرنىسى چوڭ تىپتىكى ئۈزۈم ھارىقى ساقلاش باكىغا ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈلدى. لوۋلەن ھاراق زاۋۇتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئېچىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى داۋاملىق كىرگۈزۈپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھاراق ئېچىتىش ھۈنەر - سەنئىتى پىشىپ يېتىلگەن، بازار يوشۇرۇن كۈچى زور بىر تۈركۈم كارخانىلارنى تۇرپانغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە بۇ يەرگە ماكانلاشقان ئۈزۈم ھارىقى كارخانىسى 40تىن ئاشتى، يەتتە چوڭ يۈرۈشلۈك 200 نەچچە خىل ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.
خاس تەبىئىي شارائىت بايلىقىغا تايىنىپ شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. ئەمما، لى يۈندې يەنە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپى ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىلارنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش يېتەرلىك بولماسلىق، توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بازار ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر زور بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاختا، كۆممىقوناق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرىدە، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولماسلىق، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ ئۆلچەملىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق سەۋەبىدىن، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كەمتۈكلۈك ساقلاندى.
لېكىن «خىرىس» ۋە «پۇرسەت» كۆپ ھاللاردا بىر - بىرىگە ھەمراھ بولىدۇ.
«تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى بارغانسېرى كۆپ كارخانىنىڭ سېلىنمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يەرلىك ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئازلا كۈن قالدى.» لى يۈندې مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىرقەدەر چوڭ بازار بوشلۇقى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشتەك كۆپ خىل ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان كەسىپ ئاساسى ۋە تىرەك كاپالىتىگە ئىگە، دىستىللەنگەن ئۈزۈم ھارىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئىگە.
بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 330 مىڭ موغا، ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 550 مىڭ كىلولىتىرغا يېتىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا قەدەم قويدى
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان تيەنسەي ھاراقچىلىقىنىڭ 2000 مو ئورگانىك ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشچىلار ئۈزۈم ئۈزۈۋاتاتتى.
تيەنسەي ھاراقچىلىقىنىڭ باش دىرېكتورى چېن لىجۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى ھاراقچىلىقىمىز 500 توننا ھاراق ئېچىتىپ، 400 مىڭ بوتۇلكا ھاراقنى قاچىلاپ، سېتىش سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئۈزۈم ھوسۇلى مۇقىم بولۇپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىللىق سېتىش سوممىسى بىر قاتلىنىدۇ.
«كارخانىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسى تولۇق بولۇپ، بۇلتۇر ھاراق گەمىلىرىنى كېڭەيتىش ئاساسىدا، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن ساياھەتچىلەر مەركىزى قۇرۇپ، ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيىتىنى يادرو قىلغان سانائەت ساياھىتى ئۈلگە بازىسىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز» دېدى چېن لىجۇڭ.
يەنجى ئويمانلىقىدا ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بويىچە 40 ھاراقچىلىق كارخانىسى قۇرۇلۇپ، لايىھەدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 80 مىڭ توننىغا يېقىن بولۇپ، غەربىي قىسىم رايون، ھەتتا مەملىكەت بويىچە مۇھىم ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ يەردە تيەنسەي، جۇڭفېي، يۈەنسېن، گوفېي قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئېسىل ھاراقچىلىق توپى يېتىشتۈرۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئۇقۇمى ۋە مەھسۇلات سۈپەتلىك ماركىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، باشلامچى كارخانىلار(ھاراقچىلىق)نىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللاپ، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ ئاساسى تەبىئىي شارائىت «مەخپىي شىفىرى»، كەسىپىي ھۈنەردىن باشقا، يەنە كەسىپ تۇپرىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بۇ يىل 6 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون موغا يەتكۈزۈلىدۇ، دىستىللەنگەن ھاراق ئېچىتىش خام ئەشياسى قىلىنىدىغان 1 مىليون 800 مىڭ مو ھۆل ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئۆستۈرۈش ھالقىسىدىكى كىرىم 4 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ. ھاراق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 700 مىڭ كىلولىتىرغا يەتكۈزۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم ھارىقى، دىستىللەنگەن ئۈزۈم ھارىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 600 مىڭ كىلولىتىرغا، 100 مىڭ كىلولىتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ. تەييار ھاراقنىڭ ھاراق ئېچىتىش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى% 30كە يەتكۈزۈش، ھاراقچىلىق بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھاراق قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك ھاراقنىڭ تەييار ھاراقتىكى نىسبىتىنى% 30كە يەتكۈزۈش، ئۈزۈم ھارىقىنى پىششىقلاش ھالقىسىدىكى كىرىم 47 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولۇش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاپتونوم رايون يەنە «ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: مالىيە جەھەتتىن مەدەت بېرىش زورايتىلىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، بازار ئېچىش، سۈپەتلىك ماركىلارنى كېڭەيتىش ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىدۇ.
پۇرسەت «پۇرۇپكىسى» ئېچىلىپ، خۇش پۇراققا تولغان كەلگۈسى يېتىپ كېلىدۇ. ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرى قانداق نەتىجە يارىتىشى كېرەك؟ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ ۋېنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپى رايون سۈپەتلىك ماركىسى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، باشلامچى كارخانىلار تىرەك بولۇش، خاس ھاراقچىلىق ماسلىشىش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكىر يولى بويىچە، كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە خاس ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان يادرولۇق رايونغا ئايلاندۇرىدۇ.