تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«لاي سەنئىتى»گە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن

تۇرسۇن رۇستەم:

«لاي سەنئىتى»گە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۈنشيا

ئايلىنىش سۈرئىتى تەڭشەلگەن ئوق تەخسىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ چاچ ـ ساقاللىرىغا ئاق سانجىلغان ياشانغان كىشى ئىككى كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ، سول قولىدا ساپال لېيىنى يېنىك كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ساپال لېيىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە گىرۋىكىنى بېسىپ تۇراتتى. ئوق تەخسىسىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، بىر خام ساپال قاچا شەكلىگە كەلتۈرۈلدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ياغاچ جابدۇقلار بازىرى كوچىسىدا 69 ياشلىق تۇرسۇن رۇستەمنىڭ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ساپال قاچىلارنى ياساشتەك ئۆزگىچە ھۈنىرى ھەمىشە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇراتتى.

بۇ ئۆزگىچە ھۈنەرنى مەشىق قىلىشتا نېمىگە تايىنىلغان؟ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن ھۈنەرۋەن روھىغا تايىنىلغان. قەشقەرنىڭ ساپال بۇيۇملىرى «لاي سەنئىتى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دەريا لېيىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ياسىلىدۇ، ئاپتاپقا سېلىنىدۇ، ئېماللىنىدۇ، پىشۇرۇپ ياسىلىدۇ. پۈتكۈل ياساش جەريانىدا ھېچقانداق چېرتيوژ ۋە قېلىپ يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي ھۈنەرۋەننىڭ قول سېزىمى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىلىدۇ. تۇرسۇن 17 يېشىدىن باشلاپ ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا باشلىغان بولۇپ، قەشقەر كۇلالچىلىقىنىڭ 7 ـ ئەۋلاد ۋارىسى، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋارىسى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەنلەر كۆپ، كۇلالچىلىق دۇكىنىنىڭ سودىسى يامان ئەمەس» دېدى تۇرسۇن كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ كۇلالچىلىق دۇكىنىنىڭ كۆلىمى ئاران بەش كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تۆت تامدىكى جاھازىلارغا تەخسە، قاچا، چەينەك، كوزا قاتارلىق شەكلى ھەر خىل ساپال بۇيۇملار تىزىلغان، يەرگە ساپال ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىياللار خالتا ـ خالتا دۆۋىلەپ قويۇلغان. ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىللىرى ئىچىدە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بىردىنبىر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرسۇن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مۇشۇ بىر ئىشنىلا كۆڭۈل قويۇپ قىلدى. ئۇ ھەر كۈنى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ساپال بۇيۇملارنى ياساپ، بۇ قەدىمىي ھۈنەرنى چىڭ ساقلىدى.

تۇرسۇننىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسى كۇلالچىلىق ھۈنىرىنىڭ ۋارىسلىرى. «مېنىڭ بارلىق ھۈنىرىم ئۇلارنىڭكىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، ئۇلار قانداق قىلغان بولسا، مەن ھازىر شۇ بويىچە قىلىۋاتىمەن» دېدى تۇرسۇن.

«مەن بىرمەھەل بۇ ھۈنەرنىڭ مېنىڭ قولۇمدا يوقىلىپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرىگەنىدىم.» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قەشقەردىكى ھەممە ئائىلىدە ياكى تەخسە ياكى ئىستاكان، ياكى قاچا ياكى بوتۇلكا دېگەندەك ساپال بۇيۇملار بار ئىدى، لېكىن زامانىۋى ھۈنەر ـ سەنئەتنىڭ زەربىسىدە، ئەنئەنىۋى ساپال بۇيۇملار زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولماي قالدى، ياش ئەۋلادلارنىڭمۇ ئۆگىنىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا رايى بارمىدى.

2006 ـ يىلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرسۇن ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايدىغان بولۇپ، تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بۇ ئۇنى خاتىرجەم ساپال بۇيۇم ياساش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2010 ـ يىلى، دۆلەت قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى رەسمىي يولغا قويدى، قەدىمىي شەھەر كېيىن دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى قەشقەرگە كەلدى. قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان بۇ ساپال بۇيۇملار ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدىكى گۆھەرگە ئايلاندى، تۇرسۇننىڭ كۇلالچىلىق دۇكىنىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

كۇلالچىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ قايتىدىن ئۇرغۇشى نۇرغۇن كىشىدە بۇ قەدىمىي ھۈنەرگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا قىلدى، بوۋاي بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ توققۇز شاگىرتى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىقلارمۇ، بېيجىڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار. تۇرسۇننىڭ كۇلالچىلىق دۇكىنى بىلەن بىر كوچا ئايرىلىپ تۇرىدىغان جايدا ئۇنىڭ شاگىرتى زۇلپىقار ئابابەكرىنىڭ دۇكىنى بار. ئۇستازىغا ئەگىشىپ ئىككى يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، زۇلپىقار كۇلالچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي، يەنە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، 12 مۇقام چالغۇلىرى، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى قاتارلىق يېڭى ساپال بۇيۇم نۇسخىلىرىنى لايىھەلەپ چىقتى.

27 ياشلىق بېيجىڭلىق قىز فەن يۈچيەن بۇلتۇر شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ، قەشقەرنىڭ ساپال بۇيۇملىرىنى «بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى»، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە قېلىپ تۇرسۇنغا ئەگىشىپ ئون نەچچە كۈن ئۆگەندى. بۇ يىل يازدا، ئۇ ئىدارىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس ئۇستاز تۇتۇپ قەشقەرنىڭ «لاي سەنئىتى»نى ئۆگەنگىلى كەلدى، گەرچە تىل ئۇقمىسىمۇ، ئەمما كۇلالچىلىق ئۇستاز بىلەن شاگىرتنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى.

«ھەر كۈنىدىكى ئۇستازغا ئەگىشىپ جىمجىت ھالدا بىر كاللەك سېغىز توپىنى ئارىلاشتۇرۇش، خام ساپال ياساش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش، نەقىش ئويۇش، پىشۇرۇش ـ ياساشتىن مەھسۇلات چىقىرىشقىچە بولغان جەرياندىن ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىمەن، بۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا باشقا بىر خىل ئېھتىماللىق ئېلىپ كەلدى.» ھازىر فەن يۈچيەن قاچا، لوڭقا قاتارلىق ساپال بۇيۇملارنى مۇستەقىل ياسىيالايدىغان بولدى، ئۇستازى ئۇنى «ئەڭ تالانتلىق» ئوقۇغۇچۇم، دەپ ماختىدى.

«ھازىر شۇنچە كۆپ كىشى تالىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ، مەن تېخىمۇ چوڭ كۇلالچىلىق دۇكىنى ئېچىپ، بۇ ھۈنەرگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تۇرسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.