تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن چېگرا سىرتىدىن كىرگەن دېلتا ۋىرۇسى تۈپى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنىنىڭ شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ شەھىرىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىنىڭ 2 - ئەۋلاد تەرتىپىنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىم شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ شەھىرىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس VOC/Delta ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى(B.1.617.2 تەدرىجىي تەرەققىيات تارمىقى)گە تەۋە بولۇپ، يېقىندا دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن شۇ جايدىكى ئاغرىق مىسالى ۋە سىرتتىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى ۋىرۇسى گېن گۇرۇپپىسى بىلەن مەنبەداشلىقى تۆۋەن ئىكەن، بۇ ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.