تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى بىلەن بىڭتۇەن روھىنى يارىتىش

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىش چۆل - باياۋاندا ئىگىلىك تىكلەش مۇقىملىقنى ساقلاپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئىرادە باغلاش

​ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى بىلەن بىڭتۇەن روھىنى يارىتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ياز بىلەن كۈز ئالمىشىۋاتقان پەيتتە، شىخەنزىدىن ئىبارەت بۇ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھىرى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. شىخەنزە شەھىرىدىكى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىدا، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مۇزېيدىكى ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر ماددىي بۇيۇم كىشىلەرگە بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان قاينام - تاشقىنلىق يىللىرىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

70 نەچچە يىل ئىلگىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا ئېتىلغان ھۆرمەت توپى ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېپيېڭى سەھىپە ئاچتى. 1954 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ جايدا كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى تەرەپ - تەرەپتىن چېگرا رايونغا كەلدى، ئۇلار كەڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى جەڭچىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنىنى چۆل - باياۋانغا بېغىشلاپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»نى ئاساسلىق ئىچكى خاس مەزمۇن قىلغان بىڭتۇەن روھىنى ياراتتى.

بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 2020 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

يىللار ئۆتۈپ تۇرىدۇ، روھ مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بوران - چاپقۇن ۋە جەبر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىش قەسىدىلىرىنى پۈتتى.

قىلىچنى ساپان قىلىپ بوستانلىق بەرپا قىلىش

خوتەن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - شىسىنىڭ 47 - تۇەنىگە كەلدىم. تۈپتۈز ئاق تېرەكلەر مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، يېپيېڭى بىنالار رەتلىك سېلىنغانىدى، پاكىز يوللار يىراققا سوزۇلغانىدى... ئىلگىرىكى قاقاسلىق بوستانلىققا ئايلانغانىدى.

«72 يىل ئىلگىرى باتۇر، قورقماس بىر قەھرىمان قوشۇن قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەنگە كىردى. 72 يىلدىن بۇيان، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى پەرزەنت جەڭچىلەر قۇم دېڭىزىدا بوز يەر ئېچىپ، قاقاسلىقنى مۇنبەت ئېتىزغا، چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇردى...» 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 47 - تۇەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى كۆرگەزمە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى شيا تيەن ساياھەتچىلەرگە ئۆتمۈشنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

1949 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئەمدىلا ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - دالا ئارمىيەسى 1 - بىڭتۇەن 2 - جۈن 5 - شى 15 - تۇەنىنىڭ 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكىرى يېڭى يىل يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن خوتەننى ئازاد قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى. تېز يېتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئەڭ يېقىن، لېكىن ئەڭ جاپالىق بىر يول − تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈشنى تاللىدى.

ئەينى يىلى ئەڭ چوڭى ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان جەڭچىلەر كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، قۇم - بورانغا قارىماي 790 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، قاپىرىپ كەتكەن پۇتلىرى بىلەن «ھالاكەت دېڭىزى»نى بويسۇندۇردى.

بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەن ياڭ شىفۇ ئەينى يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن جەڭچىلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى تارتقان تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەر ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە ئىدى. «سۇ بولمىسا، ئاتنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچتۇق. بىزدە پەقەت ئۆلۈپ كەتمىسەكلا، ئۆمىلەپ بولسىمۇ خوتەنگە بارىمىز دېگەن بىرلا ئېتىقاد بار ئىدى!»

1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۈمىد بىلەن كۈتكەن خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشتى. لېكىن جەڭچىلەرنىڭ بۇرچى تېخى ئاخىرلاشمىغانىدى.

1952 - يىلى 2 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرگە شۇ جايدا كەسىپ ئالماشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى: سىلەر ھازىر ئۇرۇش قوراللىرىنى ساقلاپ قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قوراللىرىنى قولۇڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولۇپ سىلەرنى چاقىرىش زۆرۈر بولغاندا، مەن سىلەرگە قايتىدىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئېلىپ، ۋەتەننى قوغداشقا بۇيرۇق قىلىمەن.

ئەمدىلا ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى ئارىسىدىن چىققان بۇ ھەربىيلەر ئۈستبېشىدىكى چاڭ - توزانلارنى يۇيۇپ تازىلاپ بولمايلا قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە يۈرۈش قىلىپ، قىلىچنى ساپان قىلىپ، چۆلدە بوز يەر ئۆزلەشتۈردى. «بىز ئەينى چاغدا 50 مىڭ مو بوز يەر ئېچىپ، 30 مىڭ مو يەرنى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سوۋغا قىلدۇق، يۇرتداشلار سېرىق توپىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا يۇقىرى ئاۋازدا <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن> دەپ توۋلىدى» دېدى ياڭ شىفۇ ئەسلەپ.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى ۋەتەنگە بولغان چەكسىز سادىقلىقى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، چۆل - باياۋاندا ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭى جۇڭگودا ھەربىي فورما كىيمەيدىغان، ھەربىي ئۇنۋان بېرىلمەيدىغان، ھەربىي تەمىنات ئالمايدىغان، مەڭگۈ يۆتكەلمەيدىغان ئالاھىدە جەڭچىلەرگە ئايلاندى.

ئۇلار شۇ قالغان پېتى بىر ئۆمۈر تۇرۇپ قالدى. بەزىلەر ھازىرغىچە شىنجاڭدىن ئايرىلمىدى، بەزىلەر ئەۋلادلىرىنى شىنجاڭدا قالدۇرۇپ، «ياشلىق باھارىنى ئۆمۈرلۈك ئىشى ئۈچۈن بېغىشلاش، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىشنى ئۆمۈرلۈك ئىشى دەپ بىلىش» تەك سادىق قەسىمىدە چىڭ تۇردى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. بارلىق بەدەللەر ئەرزىيدۇ، مېنىڭ پۇشايمىنىم يوق» دېدى ياڭ شىفۇ.

بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ساداقىتىنى پۈتۈش

«296 پارچە ياماق چۈشكەن بۇ ھەربىي پەلتوغا 70 يىل بولدى، ئۇنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پېشقەدەم جەڭچىسى ۋاڭ دېمىڭ ئىئانە قىلغان...» 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ يۈەنيۈەن كىشىلەرگە «بىر ھەربىي پەلتو»نىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىڭتۇەن جەڭچىلىرى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، تېجەلگەن ھەربىر پۇڭ پۇلنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى.

«مانا مۇشۇنداق ياماق چۈشۈپ كەتكەن كىيىملەرنى كىيىشكىمۇ جەڭچىلەرنىڭ كۆزى قىيمايتتى. ئېتىزغا چىققاندا، كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ، بەدىنىگە لاي سۈركەپ ئىشلەيتتى». بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن خۇ يوۋسەي شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئەڭ بالدۇر قاتناشقان بىر تۈركۈم ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىسى، ئۇ بۇ پەلتونى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى ھاياجانلاندى.

بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەڭ جاپالىق بولغان چاغلاردا، ھەربىيلەرگە ھەر يىلى ئاران بىر قۇر يالاڭ كىيىم، ئۈچ يىلدا بىر قۇر پاختىلىق كىيىم تارقىتىپ بېرىلەتتى. رەختنى تېجەش ئۈچۈن، شۇ چاغدا تارقىتىلغان ھەربىي فورمىنىڭ يانچۇق ۋە ياقىسى يوق بولۇپ، ھەربىر ئادەم ھەر يىلى ھەر تەرەپتىن 91.2 يۈەن تېجەپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلدى.

ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن بوز يەر ئېچىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ھەم بوز يەر ئاچتى، ھەم چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدى.

جۇڭگو دۆلەت زېمىنى يەر مەيدانىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ ئەتراپتا سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرا لىنىيەسىنى ساقلاۋاتقانلاردىن، ھەربىيلەردىن باشقا يەنە بىڭتۇەن جەڭچىلىرىمۇ بار.

57 يىل، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشتىن چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شىسىنىڭ 161 - تۇەنىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى ۋېي دېيوۋ ھەر كۈنى چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ چېگرانى چارلاپ، جەمئىي 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەن.

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەندىن كېيىن، 81 ياشلىق ۋېي دېيوۋ پارتىيە تەشكىلاتىغا تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپ: «مەن چېگرانى مىدىرلىيالماس بولۇپ قالغان كۈنۈمگىچە ساقلايمەن» دېدى.

يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ شانلىق ئەمەلىيىتىدە، جاي - جايلاردىن كەلگەن بىڭتۇەنلىكلەر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «ۋەتەن ئۈچۈن پوستتا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىش»تەك ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ۋەتەننىڭ چېگراسىنى ئۈن - تىنسىز چىڭ ساقلاپ، ھەق تەلەپ قىلماي، خالىس بەدەل تۆلەپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك نۇرغۇن قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى قالدۇردى. ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان، ناچار تەبىئىي مۇھىتنى يېڭىپ ئۆستەڭ چاپقان «تارىم دەرياسىدىكى بەش قىز» بار، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرگەن جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ليۇ شۇرېن بار، ما جۈنۋۇ، يوۋ لياڭيىڭ، جاڭ يۇڭجىنلار بار... ئۇلار قەتئىي ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن بىڭتۇەن روھىنى جانلىق چۈشەندۈردى.

يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئىلگىرىلەش

ئىگىلىك تىكلەش جاپالىق، ئۇ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. تارىخ ئاتلىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئەمدىلا ئازاد بولغان چاغدىكى شىنجاڭ نامرات، قالاق بولۇپ، ھەممە ئىشلار خارابلاشقانىدى.

كەڭ كەتكەن قەدىمكى چۆل - باياۋاندا، بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، يوقلۇقنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىنى ياراتتى. تەبىئىي مۇھىت ئىنتايىن ناچار ۋە قۇرۇلۇش تەجرىبىسى ئىنتايىن كەمچىل ئەھۋالدا، بىڭتۇەنلىكلەر باشتىن - ئاخىر يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتى بىلەن بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا نۇرغۇن «تۇنجى»نى ياراتتى، مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى زامانىۋى سانائىتى، تۇنجى پارچە قەغەز، تۇنجى چاقماق قەنت، تۇنجى قەلەم قاتارلىقلار.

بۈگۈنكى كۈندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان نەچچە يۈز سۈنئىي بوستانلىق تەكلىماكان، قۇربانتوڭغۇتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدا بارلىققا كەلدى. ئارال، تۇمشۇق، كۆكدالا... زامانىۋى يېڭى شەھەرلەر چۆل - باياۋاندا بىر - بىرلەپ قەد كۆتۈردى، 1000دىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يۇلتۇزلاردەك تارقالدى، شىخەنزە داشۆسى، تارىم داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان» تۈركۈم - تۈركۈم ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۇەندە 14 شى، 170 تىن ئارتۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 2200دىن ئارتۇق ليەندۈي بار. ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ئىلگىرىكىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىنى قېنىغا، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى، بىڭتۇەن روھىنى مەۋقەنى ھازىرقى دەۋرگە قويۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئۇلۇغۋار پىلانىغا يېزىپ كىرگۈزدى.

يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 - شىسى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلدى، 2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، بىڭتۇەن - يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى باشلىدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، بىڭتۇەن «بىر تۇەن، بىر كارخانا بىر ليەنگە ياردەم بېرىش، بىر ئورۇن، بىر تارماق بىر ليەننى يېتەكلەش»تىن ئىبارەت ياردەم بېرىش - يۆلەش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بىڭتۇەن نامرات تۇەن - مەيدانلار پۈتۈنلەي نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش، نامرات ليەندۈيلەر پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش، نامرات نوپۇس پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 2020 - يىلى، بىڭتۇەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 290 مىليارد 514 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4.5 ئاشتى. ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىنىڭ ئارقىسىدىكىسى، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر.

«بىڭتۇەن روھى بىڭتۇەنلىكلەرنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىڭتۇەن ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مۇجەسسەملەيدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىر بايراق، شۇنداقلا بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى» دېدى شىخەنزە داشۆسى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىڭ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.