تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا ئوبلاستى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ھەم يۇقۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ شەھىرى پورت رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ شەھىرى پورت رايونىدىكى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان دائىملىق خېسۈەن تەكشۈرۈشىدە، ئۈچ ئادەمنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى بايقالدى، مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارغا بىردەك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويدى، نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىققانلىق، شىنجاڭدىن چىققانلىق تارىخى يوق، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردا ساياھەت قىلغانلىق، تۇرغانلىق تارىخى يوق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى يوق.

ئالاتاۋ شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بورتالا ئوبلاستلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بىرىنچى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئالاتاۋ شەھىرىگە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كەتمەسلىكى، كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بورتالا ئوبلاستى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كەسپىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئالاتاۋ شەھىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارماقلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنىدىن يەتتىنى تەشكىللەپ، خېسۈەن تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلارغا قارىتا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ۋىرۇسنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇردى، ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزىنى ئاساسەن ئىگىلەپ بولدى، نۆۋەتتە، يېقىندىن ئۇچراشقان 98 كىشى، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان 88 كىشى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى، ھەممىسىنى مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن، دەرھال رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارغا قارىتا خېسۈەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى، نەتىجىسى بىردەك مەنپىي چىقتى؛ دائىملىق ھەقسىز خېسۈەن تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز خېسۈەن تەكشۈرتۈشنى دەرھال باشلىدى ھەم تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، 1:5 لىك ئارىلاشما نەيچىگە ئېلىش بويىچە خېسۈەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر كۈندە بىر قېتىم تەكشۈردى، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمىدى، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا بىر ئادەمگە بىر نەيچىگە ئېلىشنى قوللاندى.

ئالاتاۋ شەھىرى شەھەر - بازار (كوچا باشقارمىسى)لار، مەھەللىلەرنى تەشكىللەپ، بىرقانچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قوشۇنى قۇرۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئائىلىلىرىنىڭ مۇھىتى، ئولتۇراق رايونى، ئۆتىدىغان ئورنىنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمى بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، يۆتكەپ توشۇغان ئاپتوموبىل، تۇرمۇش ئەخلىتى، داۋالاش ئەخلەتلىرىنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمى بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، يۇندى يولى، ئەخلەت ساندۇقى، شەھەر - يېزا يوللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتتى. مەركەزلىك ئايرىش سورۇنلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزى، تازىلىق سايمانلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ ھەربىر ئايرىش نۇقتىسىدا مەخسۇس دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالاتاۋ شەھىرى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا پورتىدا پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا خېسۈەن تەكشۈرۈشى قىلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى جاڭ مېڭفەن مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، بورتالا ئوبلاستى ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، مەنبەدىن تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىلمىي باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە خېسۈەن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇنلار، مۇھىم سورۇنلار ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى، كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.