تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بالىلارنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى نۇرلاندۇرۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«پاس بەر، پاس بەر!» «كۆپچىلىك ماسلىشىشقا دىققەت قىلىڭلار...» 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى چاغانمورگىن كەنتىدىكى پۇتبول مەيدانىدا، ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن، چەبدەس بىر توپ بالا پۇتبول مەيدانىدا يۈگۈرۈپ، پۇتلىرى ئارىسىدىكى پۇتبولنى تالىشىۋاتاتتى.

چاغانمورگىن كەنتى ناھىيە بازىرىغا 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. «ئىلگىرى بالىلار دائىم يول بويىدىكى بوش يەردە توپ تېپەتتى، ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى» دېدى تولى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى پەرمان سىدىق ئەسلەپ.

بالىلارنىڭ كەسپىي پۇتبول مەشىقىنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2015 - يىلى پەرمان يېزا - كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى − خۇڭباۋ پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ، 14 بالىنى كوماندا ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى.

پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى، قەيەردە مەشىق قىلىش كېرەك؟

2016 - يىلى، چاغانمورگىن كەنتى 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە ئۆلچەملەشكەن پۇتبول مەيدانى ياسىدى. بۇ كىچىككىنە چىملىق مەيدان كەنتتىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئارزۇ ماكانى»غا ئايلاندى.

«ھازىر ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، بىز پۇتبول تەپكىلى بارىمىز، پۇتبول مەيدانى مەن بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي» دېدى مۇتەللىپ مۇساجان پۇتبولنى قۇچاقلاپ خۇشال ھالدا.

بۇ يىل 14 ياشقا كىرگەن مۇتەللىپ خۇڭباۋ پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزاسى بولۇپ، كىچىكىدىنلا پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرەتتى، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن بىر مەيدان توپ ئوينايتتى.

«بالىلار پۇتبولنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن كەسپىي بىلىمى كەمچىل، نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى كېرەك.» پەرماننىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ مەشىق ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنى بىر سائەت مەشىقلەندۈرىدىكەن. ئوقۇتۇشنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق، ئىلمىي بولۇشى ئۈچۈن، پەرمان دائىم ئۆزى باش قاتۇرۇپ، توردىن ھەر خىل پۇتبول دەرسلىكلىرى ۋە ئوقۇتۇش سىنلىرىنى تېپىپ كۆرۈپ، ئۆگىنىپ، ئاندىن بالىلارغا ئاز - ئازدىن ئۆگىتىدىكەن.

بالىلارمۇ پەرماننىڭ ئەجرىنى يەردە قويماي، تۇنجى قېتىم جىڭ ناھىيەلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

«مەن ئەسلىدە پەقەت پۇتبولنى قىزغىن سۆيەتتىم، ھازىر مۇئەللىم بىزگە پاس بېرىش، توپنى توختىتىش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئۆگەتتى، مېنىڭ توپ ماھارىتىمدە ئىلگىرىلەش بەك تېز بولدى. ھازىر مەن كوماندىمىزنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى» دېدى مۇتەللىپ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ مەغرۇرلانغان ھالدا.

خۇڭباۋ پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇتبول پەقەت بىر خىل قىزىقىشلا بولماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت بىلەن كەنت سىرتىدىكى دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك.

ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ئۈرۈمچى سەپىرى مۇتەللىپنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە. ئۇ تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى. شۇنداقلا دەل مۇشۇ مۇسابىقە چەت، يىراق يېزا - كەنتتىكى پۇتبولچى بالىلارنى تۇنجى قېتىم چوڭ شەھەرگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«پۇتبول ھەرىكىتى بالىلارنىڭ بەدەننى كۈچەيتىشى، ساغلاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق، ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ باتۇر قىلىدۇ.» پەرمان مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ بۇ خىل روھ بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى مۇسابىقە مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.