تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​توغراق روھى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى

مەيلى ئېگىزلىكتە ياكى ئويمانلىقتا بولسۇن، مەيلى ئوت يۇرتىدا ياكى سوغۇق قۇتۇپتا بولسۇن، مەيلى چۆللۈكتە ياكى بوستانلىقتا بولسۇن، كىشىلەرمۇ خۇددى توغراقتەك جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنى بېغىشلىدى −

​توغراق روھى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

شىنجاڭدىكى بىپايان چۆل - باياۋانلاردا، ئەڭ ئۆزگىچە بىر خىل دەرەخ بار، ئۇ بولسىمۇ توغراق.

توغراق «قۇملۇقتىكى قەھرىمان دەرەخ» دەپ تەرىپلىنىدۇ، «مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەسلىك، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلماسلىق، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىماسلىق» ئۇ ھاياتى ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان مۆجىزە.

ئۇ چۆل مۇھىتىنى ئۆزگەرتكۈچى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈپكە ئايرىلىپ، «بىر تۈپ توغراق بىر پارچە ئورمان بولۇش»تەك ئېكولوگىيەلىك توسۇقنى شەكىللەندۈردى؛ ئۇ قۇملۇقنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىغا يالغۇز بەرداشلىق بېرىپ، كەڭ تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، ھەربىر پارچە بوستانلىقنى قوغدىماقتا.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، مەيلى ئېگىزلىكتە ياكى ئويمانلىقتا بولسۇن، مەيلى ئوت يۇرتىدا ياكى سوغۇق قۇتۇپتا بولسۇن، مەيلى چۆللۈكتە ياكى بوستانلىقتا بولسۇن، كىشىلەرمۇ خۇددى توغراققا ئوخشاش ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىپ، بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، قەھرىمان توغراق روھىنى ياراتتى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش. «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تەك توغراق روھى بىر خىل مول ئوزۇققا، بىر خىل مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.

توغراق روھى ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ مۇھىم تەركىبى

بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدە، ئارىلىقى مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان، ئۆزئارا تونۇشمايدىغان ئىككى ياش − جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) ئاساسىي مەكتەپ رايونىدىن كەلگەن خې لەنشۇاڭ بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ قاراماي مەكتەپ رايونىدىن كەلگەن تەن جۇڭۋېي ئوخشاش تاللاش قىلدى: تارىم نېفىتلىكىگە بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدىكى نېفىت قازغۇچىلاردىن بولۇش.

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يازدى: «ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆز غايە - ئىنتىلىشىڭلارنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇڭلار».

قىسقا يېزىلغان خەتتە مۇھەببەت چوڭقۇر، تاپشۇرۇق قۇلاق تۈۋىمىزدە ھېلىھەم جاراڭلاپ تۇرماقتا. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ مەكتەپ رايونىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجىغا دوكلات بەردى − ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل كېلىشىم ئىمزالاپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، 256 كىشى غەربىي قىسىمدىكى ئاساسىي قاتلامنى تاللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 217 كىشى شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا كېلىشىم ئىمزالىغانلار سانىنىڭ %72ى، %61ىنى ئىگىلىدى.

ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت ئۆكۈنمەس تاللىشى دەل توغراق روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۇ كەڭ تۇپراقتا، شىنجاڭ تۇپرىقىغا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، خەلق ئەمەلىيىتىگە يىلتىز تارتقان توغراق روھى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىچكى ھېسسىياتى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەخلاق جۇغلانمىسى، روشەن ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە، ئۇ ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ مۇھىم تەركىبى.

يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەر تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كەنتتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلغاندا، ئۇ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

«بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، تەھدىت ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، تىنچ بولۇشىنى كۈچلۈك قوغدايمەن»، بۇ، مەمەتجان ئۆمەرنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەندە قىلغان سۆزى.

مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن! بۇ جاراڭلىق قەسەمنى مەمەتجان ئۆمەر بىر ئۆمۈر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئۇزاق مۇساپىسىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ئاساسىي مېلودىيە، باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ كەلدى».

شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان توغراق روھى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ شىنجاڭدا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چۆل - باياۋاندا بوران - چاپقۇننىڭ ھە دەپ زىيان سېلىشى، شورلۇق يەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا قارىماي، توغراقلار قۇملۇقتا مۇستەھكەم يىلتىز تارتىپ، قۇم بارخانلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بوستانلىقلارنى قوغدىماقتا. خۇددى توغراقنىڭ تۇپراققا بولغان ساداقەتمەنلىكىگە ئوخشاش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ كۈچلۈك ئېتىقاد، ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت دەپ بىلدى.

ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋ جۇشىنى يوقلىماقچى بولغان قۇربان تۇلۇمدىن، چېگرانى قوغداش يولىدىكى تاشلارغا «جۇڭگو تېشى» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىققان بۇرماقان مولدۇغىچە، 20 - ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدا سەمىمىي قەلب بىلەن شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم ياشلاردىن، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارغىچە، مەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، مەيلى قەيەردىن كەلگەن بولسۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى.

توغراق روھى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش

«چىرا ناھىيەسىدە قۇم - بوران كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما غەيرىتىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك. مەن توغراققا ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى يېقىندا شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما جياڭشەن.

چىرا ناھىيەسى ئىلگىرى ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى. ما جياڭشەن باشلامچىلىق بىلەن ئېغىر نامرات كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، 115 نامرات كەنت ۋە يەتتە نامرات ئەمەس كەنتنى زىيارەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 4000غا يېقىن ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلدى.

بۇ ناھىيەنىڭ چاقا يېزىسىدىكى يەتتە ئېغىر نامرات كەنتنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ما جياڭشەن سۇچىلىق كادىرلىرىنى باشلاپ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، ئاپتوموبىل بارالمىغان جايلارغا پىيادە بېرىپ، سۇ زاۋۇتى قۇرۇشقا ئورۇن تاللىدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەتتە كەنتكە ئوڭۇشلۇق تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى. 2020 - يىلى چىرا ناھىيەسى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. بۇ يىل، چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىغا «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

توغراق روھى پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرغانلىقى، يېتەكلىگەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.

باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە، زامانىۋى دومنا پېچ ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆرۈپ، 88 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى يەن جاڭخۇا ھاياجېنىنى باسالماي: «بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن!» دېدى.

70 يىل ئىلگىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كىيىم - كېچەك ۋە يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تارتىش، يۈدۈپ توشۇشقا تايىنىپ، «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى قۇرغان كۆرۈنۈش ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا. بىر سۇڭمۇ تۆمۈريول بولماسلىقتىن گاۋتيې دەۋرىگە قەدەم قويۇشقىچە، بېكىنمە، قالاق، چەت - ياقىغا جايلىشىشتىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغىچە، كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەشكىچە ... شىنجاڭلىقلار توغراقتەك ئېگىلمەس - سۇنماس خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا قالتىس مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

توغراقتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئۇنىڭدىن ھاياتىي كۈچىگە مۇجەسسەملەنگەن قەيسەر كۈرەش ئىرادىسىنى، قورقماس روھنى ۋە ئۇلۇغۋار توغرا كەيپىياتنى ئۆگىنىمىز. مۇقىملىقنى قوغداش جەڭ مەيدانىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جاۋاب قەغىزىگە كادىرلار، ئاممىنىڭ پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشتەك جاپالىق ئەجرى تولۇق يېزىلدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن تامچە كەبى كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ۋىرۇس بىلەن ئېلىشتى... توغراق روھى شىنجاڭلىقلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندى.

تىرىشىپ توغراق روھىغا قەتئىي ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش

«شىنجاڭغا كۆپ يىل ياردەم بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭغا چوڭقۇر رىشتە باغلىدىم. ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇھەببىتىم ۋە ئىنتىلىشىم.» ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نوپۇزلۇق كادىر» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ليۇ جىخۇەي توغراققا ئوخشاش، شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى.

2010 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ، ليۇ جىخۇەي خېنەن تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى داشۆسىدىن 7 -، 8 -، 9 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولدى. ئۇ قومۇلدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، قومۇلدىكى تۇنجى كەسىپ تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈردى. 2020 - يىلى 5 - ئايدا، ليۇ جىخۇەي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا يۆتكەپ تەيىنلىنىپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا داۋاملىق كۈرەش قىلدى.

ئەگەر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغراق روھىنىڭ مەڭگۈلۈك خىسلىتى دېيىلسە، ئۇنداقتا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش توغراق روھىنىڭ روشەن يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو شىنجاڭ تارىخى تىللاردا داستان بولىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئىگىلىك تىكلەش تارىخى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش تارىخىدۇر. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىش يېڭى مۇساپىسىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما توغراق روھىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ توغراق روھىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، قەتئىي ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى ۋە ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىدۇ.

«قۇملۇقتىكى بىلىم يۇرتى» دەپ تەرىپلىنىدىغان تارىم داشۆسىدە، مائارىپ خىزمەتچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان، شىنجاڭنى گۈللەندۈرىدىغان تۈركۈم - تۈركۈم «كىچىك توغراق»لارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مەكتەپ قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە تەربىيەلىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 70 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ %70كە يېقىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلدى.

توغراق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چېگرانى قوغداش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇش. قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 6 - تارماق ئەترىتى قەرەللىك ھالدا مەخسۇس تېمىدىكى پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قىزىل يادىكارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. ئۇلار يەنە «توغراق» «باياۋاندا ناخشا ساداسىنى ياڭرىتىش» قاتارلىق نومۇرلارنى ئىجاد قىلىپ ۋە رېپېتىتسىيە قىلىپ، مىكرو كىنو ئىشلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى توغراق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گازارمىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تارىم داشۆسى فىلولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى شياۋ تاۋ مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدە 27 يىل يىلتىز تارتتى. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا، ئۇ «<شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش>نى يېتەكچى قىلىپ، <توغراق روھى>نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى» دېگەن تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى.

«توغراق روھى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا، توغراق روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە زامانىمىزدىكى قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، توغراق روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللىتىمىز ئۈچۈن روھنى مۇجەسسەملەپ، دەۋرىمىز ئۈچۈن قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك» دېدى شياۋ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.