تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت «ئالىقان تەنھەرىكەت سارىيى» تورغا چىقتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 13-«ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى»، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى «ئالىقان تەنھەرىكەت سارىيى» سەھىپىسىنى ئالاھىدە ئېچىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى، بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرلىرى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى قاتارلىق كەسپىي زاتلارنى بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىن كۆرۈنۈشى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تور ئارقىلىق ئائىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىگە ئايلاندى. كەڭ ئاممىنىڭ توردا ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش يېتەكچىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «ئالىقان تەنھەرىكەت سارىيى» يېقىندىلا دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تارىخىي بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگو ئاياللار ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ۋاڭ لىلى ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنىېرلىرى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ۋاسكېتبول، ئائىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئارقان سەكرەش قاتارلىق ئاممىغا يېقىن، ئاسان ئومۇملىشىدىغان، خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان، نەتىجە-ئۈنۈمى بار تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش سىنلىرىنى چىقاردى.

كېينكى قەدەمدە، «ئالىقان تەنھەرىكەت سارىيى» يەنە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەيجى گۇمپىسى، پۇتبول، چاقلىق كانكى تېيىلىش، تىكتاك توپ، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، كەڭ ئاممىنى مول، رەڭدار تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.