تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«خوتەننىڭ تەرەققىياتى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ»

ئاپتونوم رايون پېشقەدەم كادىرلارنى خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى −​

«خوتەننىڭ تەرەققىياتى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«بىز خوتەندە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا خوتەندە خىزمەت قىلغان سابىق ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جيەنجۇڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «خوتەننىڭ تەرەققىياتى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ!»

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بىر قىسىم نازىر دەرىجىلىك پېشقەدەم كادىرلارنى خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئۇلار كارخانا، باغچە رايونى، مەھەللە، يېزا - كەنت، مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خوتەندىكى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

قاراقاش ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا، پېشقەدەم كادىرلار باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، «بىر شەھەر، تۆت باغچە» كەسىپ تەرەققىياتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، «ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاشنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىنى ئاڭلاپ، بەس - بەستە ياخشى باھا بەردى.

«كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، يېزا - كەنتلەر گۈللەنسە، كەسىپلەر گۈللەنسە، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاندىن مۇقىم ئاشىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش سابىق جەمئىيەت ۋە قانۇن - تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ شيا مۇنداق دېدى: «خوتەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ، كەسىپلەر باغچىسى ناھايىتى ياخشى قۇرۇلۇپتۇ».

خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەپ يەم - خەشەك قىلىنىدىغان ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، قۇملۇقنى تۇپراقلاشتۇرۇپ ياخشىلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، قۇملۇقتا يەم - خەشەك ماتېرىيالى ئۆستۈرۈشنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، مۇھىتنى قوغداش رولىنى ئويناپلا قالماي، يەنە شۇ جاي ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ، پېشقەدەم كادىرلار ئالقىشلاپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق تەرەققىيات بىلەن بىرنەچچە يىلغا قالمايلا، بۇ قۇملۇق بوستانلىققا ئايلىنىدۇ».

«بۇ يىل بىز تېرىغان 100 مىڭ مو <لۈجياڭ 1 - نومۇر> ناھىيەمىزدىكى 50 مىڭ كالا، 600 مىڭ قوي، 4 مىليوندىن ئارتۇق غازنىڭ يەم - خەشەك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جېنفېي مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بۇ يەردە يەم - خەشەك تېرىقچىلىقى، سورت يېتىشتۈرۈش، باقمىچىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بايلىق تېجەش تىپىدىكى، ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى شەكىللەندۈردى».

خوتەن ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، پېشقەدەم كادىرلار بۇ مەكتەپنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، دەرسلىك تەسىس قىلىش ۋە مەكتەپ تۈزۈمى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ، ئىككى يىلغا يېقىن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، 59 مىڭدىن ئارتۇق كۇرسانتنىڭ باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، يېزا - كەنتلەردىكى زاۋۇتلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، 417 كىشىنىڭ يېزا - كەنتلەردىكى بېيىش باشلامچىسىغا، 743 كىشىنىڭ يېزا - كەنتلەردىكى تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئايلانغانلىقىنى ئىگىلىدى.

«كەسىپلەر تەرەققىياتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېزىلاردىكى نامراتلىق تۈگىتىلىپ، يېزا - كەنتلەردە تۇرمۇشنىڭ باياشات بولۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپتۇ.» شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ شيەنلياڭ مۇنداق دېدى: «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئۇل تاش. ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ توپلايدۇ، خوتەن ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئىنتايىن چىڭ تۇتۇپتۇ، بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ياخشى».

تەتقىق قىلىش، ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن خوتەن ناھىيەسى ئاياغچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، پېشقەدەم كادىرلار بۇ يەرگە بەش كارخانىنىڭ ماكانلىشىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد يېڭى رايونى، يېڭىئاۋات يېزىسى، خانئېرىق بازىرى قاتارلىق بەش يېزا - بازىرىدىكى 6000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئىگىلىدى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىپ، كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغانلىقىنى، ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش ئادېلبېك تەكىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىنى كۆردۈم. كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

شىنجاڭ مېۋىچىلىك (خوتەن) ياڭاق سودا بازىرىدا، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بازار «باشلامچى كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، «كەسىپلەر باغچە رايونى+يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرى»نى چۆرىدەپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە تىجارەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە، بازارنىڭ يىللىق ياڭاق سودا مىقدارى 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، 6 مىليارد يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 8000دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، پېشقەدەم كادىرلار ئىنتايىن تەسىرلەندى. «خوتەننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بوپتۇ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا خاس كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىپتۇ، كەنت ئاھالىلىرى كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جاپپار ئىبراھىم.

خوتەن مۇزېيىدا، پېشقەدەم كادىرلار خوتەندە قېزىپ چىقىلغان ھەربىر پارچە ساقلانما بۇيۇمنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، خوتەندىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەپ، خوتەننىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلدى.

«خوتەن مۇزېيى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر پارچە مەدەنىيەت ئىسىم كارتىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ تارىخىنى ئىگىلەيدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان ياخشى جاي.» پېشقەدەم كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئەتراپىمىزدىكى تەربىيە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

«پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ خىسلىتىمنى يوقاتماي، رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ بىردەك قىلىپ، غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمەن» دېدى لى جيەنجۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.