تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى بىلەن ھەپىلىشىشكە ئامراق بېيىش باشلامچىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«ھازىر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تېرىش، يىغىش ھالقىلىرىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشى بارغانسېرى ئاسانلاشتى» دېدى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جىڭ ناھىيەسى ۋېيمىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ ۋېيدۇڭ ئالدىراش ئىشلىگەچ ھاياجانلانغان ھالدا.

جاڭ ۋېيدۇڭ جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەشنى ئۆگىنىشكە شاگىرتلىققا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى بولغۇچە، بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن جاڭ ۋېيدۇڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى يېزا - كەنتلەردە ئۆتكۈزۈپ، ئېتىز - قىرلارنى ئايلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، زىرائەتلەر بىلەن ھەپىلەشتى، كۈنلىرىمۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى داۋامىدا بارغانسېرى ياخشىلاندى.

1993 - يىلى، جاڭ ۋېيدۇڭ 16 مىڭ يۈەن پۇل يىغىپ بىر تىراكتور سېتىۋېلىپ، كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى بار كىشىگە ئايلاندى. «ئەينى چاغدا جىڭ ناھىيەسىدە تىراكتورى بار كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى، مەن ئۆز يېرىمنى تېرىغاندىن سىرت، يەنە كەنتتىكىلەرگە تېرىشىپ بەردىم، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە پاختا ۋە كۆممىقوناق توشۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا يۈك توشۇپ كىرىمىم خېلى ئاشتى، كۈنلىرىممۇ ئۈمىدكە تولدى» دېدى جاڭ ۋېيدۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

2004 - يىلى مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋالسا ۋە يېڭىلىسا بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خەۋەر بىلەن جاڭ ۋېيدۇڭدا چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش ئويى پەيدا بولدى.

«جىڭ ناھىيەسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى چوڭ، ئەگەر چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىنسا، دېھقانلار چوقۇم قارشى ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ياردەم تولۇقلىمىسى بار.» مۇشۇنداق ئوي بىلەن جاڭ ۋېيدۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئىلغار پاختا يىغىش ماشىنىسى، چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور سېتىۋالدى... ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغان داڭلىق چوڭ ئائىلىگە ئايلىنىپ، ھەر يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تىجارەت قىلىپ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

2015 - يىلى، جاڭ ۋېيدۇڭ كەنتتىكى ئالتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇستىسىنى باشلاپ جىڭ ناھىيەسى ۋېيمىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، يەنە پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت دائىرىسىنى جىڭ ناھىيەسىدىن پۈتۈن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە كېڭەيتتى.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، جىڭ ناھىيەسى ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى، جاڭ ۋېيدۇڭ يەنە 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى. ئورۇننى قانداق بەلگىلەشتىن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى ئۇچۇرۇشقىچە، يەنە دورا مىقدارىنى قانداق قىلىپ توپتوغرا كونترول قىلىشقىچە، جاڭ ۋېيدۇڭ بىلەن كوپىراتىپ ئەزالىرى قايتا - قايتا مەشىق قىلدى.

«ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىدا دورا چېچىش دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، تولۇق چېچىلىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەم ۋاقىت، كۈچنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى، ھەم دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، بىخەتەر مۇھىت قوغدىدى، بىز بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران ئۆگەندۇق.» جاڭ ۋېيدۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دورا چېچىشمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئادەم يۈدىدىغان دورا چېچىش ماشىنىسىدىن كېيىنكى ئۆزى ماڭىدىغان خادىلىق پۈركۈش ماشىنىسىغا تەرەققىي قىلدى، ھازىر يەنە ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق دورا چېچىلىدىغان بولدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ھەقىقەتەن بەك تېز بولدى!»

بۇ يىل، جىڭ ناھىيەسى ۋېيمىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى جىڭ ناھىيەسى ئەتراپىدىكى يېزا - بازارلاردىكى دېھقانلارنىڭ جەمئىي 15 مىڭ مو يېرىنى تېرىقچىلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ كىرىمىمۇ يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق قاتارلىقلارنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى. «يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ۋە كاپالىتى، مەن گۇۋاھچى، نەپكە ئېرىشكۈچى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى جاڭ ۋېيدۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.