تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

​سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 833 مىڭ توننا، سۈت مەھسۇلات مىقدارى 941 مىڭ توننا، قۇش تۇخۇمى مەھسۇلات مىقدارى 216 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8.05، %18.7، %1.3 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سۈت مەھسۇلاتلىرى سىرتقا تەخمىنەن 90 مىڭ توننا سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەۋقەنى يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، خاس چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قوتاندىكى تىرىك چوشقا 3 مىليون 994 مىڭ، قوتاندىن چىقىرىلغىنى 3 مىليون 21 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %26.2، %16.9 ئاشقان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قوتاندىكى كالا 6 مىليون 3000، قوتاندىن چىقىرىلغىنى 1 مىليون 379 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10.1، %5.8 ئاشقان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قوتاندىن چىقىرىلغان قوي 16 مىليون 894 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2021 - يىلى شىنجاڭ گۆش قويىنى تېز كۆپەيتىش، تېز يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، گۆش كالىسى بورداش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە كۆلەملىك كالا بورداش فېرمىسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇپ بولغان كۆلەملىك قۇش فېرمىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى تىرىك چوشقا كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پىششىقلاش، سېتىش تورىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ باقمىچىلىق، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنىڭ تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق سىستېمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەتنىڭ چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە گۆش مەھسۇلات مىقدارىنى 100 مىڭ توننا، سۈت مەھسۇلات مىقدارىنى 100 مىڭ توننا، قۇش تۇخۇمى مەھسۇلات مىقدارىنى 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتىشكە تىرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.