تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كاپالەت تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىگە تۇتىشىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، كېڭەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش، شەھەر-يېزا ئاھالىسى كىرىمىنى بىرقەدەر تېز ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 302 مىڭ 300 كىشى بولۇپ، يىللىق نىشاننىڭ %65.72ى ئورۇندالغان. ئىككىنچى پەسىلدە، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنىت تۆۋەنلىگەن.

ئىشقا ئورۇنلىشىشنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئىلگىرى سۈرۈش

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەشكىللىگەن توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ پايدىسىدا، مەن كەسپىمگە توغرا كېلىدىغان ھەم كۆزلىگەن خىزمەتنى تاپتىم.» 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر مائارىپ ئاپپاراتىدا كاتىپلىق قىلىدىغان رەيىسە يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «يىراقتىن يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئىككىنچى كۈنىلا ئىشقا چۈشتۈم. ھازىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، بەش سۇغۇرتىنى ئىدارىدىن تاپشۇرۇپ بېرىدۇ».

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق كارخانىلار ۋە تۈرلەرگە خىزمەتچى ئىشلىتىشكە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ خىزمەتچىلەرنى قالدۇرۇپ قېلىش، باھار شامىلى ھەرىكىتى قاتارلىق مەخسۇس پائالىيەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ توختاپ قالماسلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئالاقە تورى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەمىنلەش-ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، توردا ۋە تور سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئىزدىگۈچىنى خىزمىتىنى خاتىرجەم ئىشلەش، كەسىپ بىلەن خۇشال-خۇرام شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئۈچ قېتىم كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، بىر قېتىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، بىر قېتىم ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان دەل جايىدا ھۆددە قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارالغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس خادىملار، ئىشسىزلار تىزىملىكىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار مېيىپلەر ھەمدە مەكتەپتىن ئايرىلغان ئەمما ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئاساسىي تىزىملىكنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، سىياسەتتىن لېكسىيە سۆزلەش، ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10دا، تېكەس ناھىيەسىدىكى كېرۇنيۈەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، كەپشەرلەش ئىشچىسى ئوسمانجان داۋۇتخال سايمانلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈۋاتاتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئوسمانجان شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئۇيۇشتۇرغان كەپشەرلەش ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئىمتىھان بېرىپ كەپشەرلەش ئىشچىسى كىنىشكىسى ئالدى، ئۇ قەيەرگە بېرىپ ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتقاندا، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش» ماشىنىسى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغىلا كەلدى.

«خىزمەتچى خادىم بىر توپ جەدۋەلنى چىقاردى، جەدۋەلدە ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرى بار ئىدى. ئۇلار مېنىڭ كەپشەرلەش ھۈنىرىمنىڭ بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ماڭا كېرۇنيۈەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى تەۋسىيە قىلدى.» ئوسمانجان مۇنداق دېدى: «ھازىر، مەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئويلايمەن».

ئۆتكەل ئالدىغا سۈرۈلۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىندى

«مەن يېتەكچىلىك قىلغان مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى.» بۇ بىرقانچە كۈندە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يىن جۈنجۈن سىنىپىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغان ئاز بىر قىسىم مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۇ يىل، مەكتەپ تۈجۈپىلىك مۇلازىمەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش، تەقلىدىي يۈزتۇرا ئىمتىھاننى يۈزمۇيۈز قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى».

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 42 ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى تەخمىنەن 97 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %10كە يېقىن كۆپەيگەن. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتىدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بالدۇر پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتتى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «بىرىنچى قول» قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىلىرى ۋە مەكتەپداشلار كارخانىلىرى قاتارلىقلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كەسپىي ھاياتىنى پىلانلاش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى كۆپ يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 156 مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى 675 ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ، 41 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاللايدىغان توققۇز ئىش ئورنى بارلىقىغا باراۋەر.

مەكتەپتىن ئايرىلغان ئەمما ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈچ يىلدا 10 مىڭ ياشنى پىراكتىكا قىلدۇرۇش پىلانى» ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، پىراكتىكا بازىسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ۋە پىراكتىكا بازىلىرىنىڭ «كارخانا ئېچىۋېتىلگەن كۈن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كارخانىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېزرەك ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن فاڭ دەن سانجى شەھىرىدىكى جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پىراكتىكا بازىسىغا كىرىپ، ئىككى يېتەكچىنىڭ ياردىمىدە تېز ئۆسۈپ يېتىلدى. «تۇرمۇش يېتەكچىمىز ناھايىتى سىرداش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي تۇرمۇشىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەندىن باشقا، يەنە خىزمەتتە يولۇققان گۇمانلارنى يېشىپ بېرىدۇ. خىزمەت يېتەكچىمىز پېشقەدەم ئۇستام بولۇپ، كەسپىي ماھارەتنى ئىنچىكە، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىتىدۇ» دېدى فاڭ دەن.

«قوش يېتەكچى تۈزۈمى پىراكتىكانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ماسلىشىش مەزگىلىنى قىسقارتىشقا ياردەم بېرىش، كەسپىي ساپاسى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى سانجى شەھىرى جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ لېي. ھازىرغا قەدەر، بۇ شىركەت جەمئىي 107 پىراكتىكانتنى قوبۇل قىلدى، ۋاقتى توشقاندا 72 كىشىنى ئېلىپ قالدى، 23 كىشى پىراكتىكانتىن شىركەتتىكى مەسئۇل باشقۇرغۇچىغا ئۆستۈرۈلدى.

پايدىلىق سىياسەتلەر ئىگىلىك تىكلەشكە كۈچ قوشتى

8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شىمالىي يولىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بازىرىدا، گۈل دۇكىنىنىڭ لوبىنى لى يىڭ خېرىدارلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. «بازار بۇ يىل ئېچىلغان، ماڭا ئوخشاش يەككە تىجارەتچىلەر 6000 يۈەن ئەتراپىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بىر قېتىمدىلا بەھرىمەن بولدى، يەنە ئۇدا ئۈچ يىل جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىمىز.» بۇ پايدىلىق سىياسەتلەر مەدەت بەرگەچكە، لى يىڭنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، «مەن يەنە دۇكىنىمنى كېڭەيتىپ، تىجارىتىمنى زورايتىمەن».

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى بېرىش، ئۆسۈم ياردىمى بېرىش سالمىقىنى زورايتىش، مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭراق ئۇچرىغان توپ سېتىش، پارچە سېتىش، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەردىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تىجارەت يۈكىنى يېنىكلىتىشكە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا سۈپەتلىك ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھازىر بار بولغان ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا تايىنىپ «بىر بېكەت شەكلى»دىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت زالى بەرپا قىلدى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 12دە، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شەرقىي يولىغا جايلاشقان شېنشىن چۇاڭفۇ «بىر بېكەت شەكلى»دىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت زالىدا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياڭ ياڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كىرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سوراۋاتاتتى. بۇ يەردە، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى، كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىدىن سودا-سانائەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان نامنى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالاقىدار كىنىشكىلارنى بېجىرىشكىچە، ھەممىسىدە مەخسۇس ئادەم بېجىرىشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات خاراكتېرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتچى خادىملار يەنە ئۇنىۋېرسال باھالاش پىكرىنى بېرىدۇ، بۇ، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن ياڭ ياڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن يېتەكلەشچانلىققا ئىگە. «ئەگەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشسام، ئىش ئورنىنىڭ بىر يىللىق ئىجارىسى 2000 يۈەنگىمۇ بارمايدىكەن، يەنە سۇ، توك، پار ھەققىنى پۈتۈنلەي كۆتۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ» دېدى ياڭ ياڭ.

«<بىر بېكەت شەكلى>دىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت زالى ئەتراپتىكى بارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار كىشىلەر توپىغا يۈزلەنگەن، مۇلازىمەت دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلنىڭ ئىچىدە، «بىر بېكەت شەكلى»دىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت زالى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 32 ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋاسىتىسىگىچە ئۇزارتىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەسلىھەت سورىغان گۇمانلىق مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە يىغىش ئارقىلىق، مەسىلە تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىرىنى تەشكىللەپ قەرەللىك ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.