تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

708.5 كىلوگىرام! ئاپتونوم رايونىمىزدا يازغى بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى بىر پارچە ئەلا سۈپەتلىك يازغى بۇغداي تەجرىبە ئېتىزىدا، ئاپتونوم رايونىمىز پەن تەتقىقات خادىملىرى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ «مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىش، ھوسۇلنى ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىكى تەلەپ بويىچە، نەق مەيداندا ھوسۇلنى ھەقىقىي ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى، شىنچۇن 37 - نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك يازغى بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى 708.5 كىلوگىرام بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازغى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى رېكورتى 11 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى.

شىنچۇن 37 - نومۇرلۇق يازغى بۇغداي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يادرو تېخنىكىسى − بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئەلا سۈپەتلىك ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك يازغى بۇغداي سورتى بولۇپ، سۈپىتى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قوللىنىلىپ، تەدرىجىي ھالدا شىنچۇن 6 - نومۇرلۇقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق تېرىلىدىغان يازغى بۇغداي سورتىغا ئايلىنىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە بازارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل شىنچۇن 37 - نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بۇغداينىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى بازاردا سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامى 2.5 يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى بۇغدايدىن يۇقىرى بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلانغان.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يادرو تېخنىكىسى − بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ يۆچياڭ مۇنداق دېدى: شىنچۇن 37 - نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك يازغى بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتىنى يېڭىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يازغى بۇغداينىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىغا ۋە بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن سوغۇق رايونلار، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي تېرىشقا ماس كەلمەيدىغان رايونلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.