تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاتالمىش «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى» پۈتۈنلەي خىيالىي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەخلەت

ئاپتونوم رايون بېيجىڭدا 14 - مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئاتالمىش «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى» پۈتۈنلەي خىيالىي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەخلەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى كۈچلەر ئوچۇقتىن - ئوچۇق «مەدەنىيەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭغا ئاممىۋى پىكىر ھۇجۇمى قوزغاپ، ئارقا - ئارقىدىن بىر تۈركۈم ھېكايە، كىنو، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا 14 - مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار بىر قاتار يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

«بۇ ئاتالمىش <مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى> پۈتۈنلەي خىيالىي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەخلەت.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى»دا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ئەخلاقتا بۇزۇلغان، رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈركۈم «ئارتىس»لارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «دەۋالاشقۇچى» «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» «ھالقىلىق گۇۋاھچى» قىلىپ پەردازلاپ، ئاتالمىش «تەلىم - تەربىيە كەچۈرمىشى» «ئېچىنىشلىق قىسمەت»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان نۇرغۇن ساختا ھېكايىلەرنى قۇراشتۇرۇپ، دەسلەپكى ئاڭلىۋالغان سۆزگە ئاساسلىنىش شەكلى ئارقىلىق، شىنجاڭغا قارىتا «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش»نى سادىر قىلدى، ھەتتا ئۇقۇمنى قەستەن ئوغرىلىقچە ئالماشتۇرۇپ، كۆز بويامچىلىق قىلدى.

شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى»نىڭ ئارقىسىدا، بىر تۈركۈم «ئالاھىدە رېژىسسور»لار بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاتالمىش «ئالىم»لار، يەنە ئاتالمىش «غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى» ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بار، ئۇلار جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، «كىشىلىك ھوقۇق» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، «مەدەنىيەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى «جىددىي ئاۋانگارت»لىرىدىن بولدى.

چېگرا سىرتىدىكى كىتابلار ھەمدە تەتقىقات دوكلاتلىرىدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى «جازا لاگېرى» دېگەن سەپسەتىگە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كىتابلار پۈتۈنلەي شىنجاڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ، پاكىتقا ئەسلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «جازا لاگېرى» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، تىنچ، مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر بۇ پاكىتقا ئەسلا پەرۋا قىلماي، ئەكسىچە شىنجاڭغا «جازا لاگېرى» «مىللەتنى بېسىش» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، جۇڭگونى توسماقچى بولدى، بۇ خىل خۇنۈكلەشكەن پىسخىكىنى كىشىلەر نەزەرگە ئىلمايدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار باۋۇدۇن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭغا قارا چاپلاش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي، «گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى»نى توپلىدى، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتتى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ئارقىلىق «قىياس قىلدى»، يەنە «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتتى»، ئۇلار قىلچە تۆۋەن چېكى يوق دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بۇ يەنە شۇنى قايتا چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ كىتابلار، فىلىملەر ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى» بولماستىن، بەلكى شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىش، قارا چاپلاشتىكى «قارا ماتېرىيال»لاردۇر.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئالتە ئامما ۋەكىلى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدا «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش» «ئىرقىي يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دېگەندەك يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى پاش قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەسچىت ئىمامى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى، كەنت كادىرى، دوختۇر ھەمدە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈچىلەر بار.

شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم، ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بىرنەچچە «كىتاب» بىلەنلا داغ تەگكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس؛ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىغا دائىر ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى بىرنەچچە «كىنو» بىلەنلا ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا بىرنەچچە پارچە «ھەجۋىي رەسىم» بىلەن قارا چاپلاش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەزىل سۇيىقەستى مۇقەررەر بىھۇدە ئىش قىلغانلىق بولۇپ، ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

پېڭبو ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، جۇڭگو - ئەرەب سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرى، شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شياڭگاڭ رادىيو ئىستانسىسى، فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، ئاۋمېن گېزىتى، ئاۋمېن ئاۋيا سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرى، شۇنداقلا خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم قىزىقىدىغان مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئاپتونوم رايون تەرەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.