تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى

خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىللىرى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە، زىيارەتتە بولدى

شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، پولشا، قازاقىستان، مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ئوندىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە، زىيارەتتە بولدى.

تۆت كۈن جەريانىدا، ۋەكىللەر قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىگە بېرىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيتگاھ مەسچىتى، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيى، ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولدى، مەنزىرە رايونى، مەھەللە، كېۋەزلىك، كارخانىلارغا بېرىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش شىنجاڭدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ، كۇلالچىلىق، مىللىي چالغۇ، قولدا توقۇلغان گىلەم قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىمارەتلەر ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلارنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى. كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش جەريانى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە جاپالىق ئەمگىكىدىن ھاڭ - تاڭ قالدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ساقلاپ قېلىنىپلا قالماي، يەنە ئەسلىدىكى ئاھالىلەر داۋاملىق ئەسلىي ئورنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ.

«مەن ئىلگىرى قەشقەرگە كېلىپ باققان، بۇ قېتىم كېلىپ قەشقەردە ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى زور بولغانلىقىنى، شەھەر كۆلىمى ۋە زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەربىر رايوننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شۇ جاينىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپتۇ ھەم تەرەققىيات لايىھەسىنى تۈزۈپتۇ. قەشقەر جۇڭگودىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆزنەك. ناھايىتى ئېنىقكى، قەشقەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات ئورنىنى تېپىپتۇ، ئىقتىساد، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىپتۇ» دېدى ئۆزبېكىستان سودا - سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش ۋەكىلى سۇلايمانوف جەمشىت.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئىزچىل شىنجاڭنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى بولۇپ كەلدى. مولدوۋادىن كەلگەن سېرگېي گۇاڭجوۋ رۈيشى ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتىدە سودا ئىشلىرى تەرەققىيات دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەگىشىپ قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازارلىق دوختۇرخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، سېرگېي دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇكەممەل داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىدىن ھاڭ - تاڭ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە بەھرىمەن بولۇشى ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتىكى ئىقتىسادىي بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپتۇ».

خۇانو ئېشياڭ(بېيجىڭ) سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى لىن شى بېلارۇسىيەدىن كەلگەن. ئۇ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى سەيلە قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن بازار دېگەن سۆزنى چۈشىنىمەن، لېكىن بۇ يەرنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن، مەيلى ساياھەتچى ياكى سودىگەر بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ، بالىلار خۇشال - خۇرام ئويناۋېتىپتۇ، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ. بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك زىيارەت ئارقىلىق، مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنتايىن ئىناق بىللە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، گەرچە ئۇلارنىڭ تىلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۆرپ - ئادىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئىناق ئۆتۈۋېتىپتۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت يەنە تۈرلۈك شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش - ياساشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپتۇ، بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە

ئاۋات ناھىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، «جۇڭگو پاختا شەھىرى» دېگەن گۈزەل نامى بار. ۋەكىللەر ئېتىز باشلىرىغا ھەمدە ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ كېۋەز تېرىقچىلىقى، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

«بۇ يەردىكى كېۋەز تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى دېھقانلارغا نۇرغۇن ئەمەلىي تېرىقچىلىق لايىھەسىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى، يەنە پاختا يىغىش ماشىنىسى بار ئىكەن، كېۋەزنى ماشىنا بىلەن كەڭ كۆلەمدە تېرىش كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدىكەن. شۇ جايدىكى دېھقانلار كېۋەز تېرىپ نىسبەتەن ياخشى كىرىم قىلىپلا قالماي، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرالايدىكەن» دېدى باش ئىشتابى گېرمانىيەگە جايلاشقان يەر شارىۋى ئورگانىك توقۇلما بۇيۇملار ئۆلچىمى (GOTS) بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ ۋەكىلى شى يى.

ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كارخانىنىڭ زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، پاكىز، رەتلىك ئاشخانىسى ۋە خىزمەتچىلەر ياتىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خۇافۇ يەر شارىۋى رەڭلىك توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخنىكىسى ئىلغار ئىكەن، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ۋەكىللەر قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، ياسىلىش جەريانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئىگىلىدى، كارخانا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئىلغار پاختا يىغىش - تايلاش ماشىنىسى ئالدىدا كۆپچىلىك قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى. ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يول بويى بىز شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە كېيىنكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش

نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىدە، سۇلايمانوف جەمشىت كارخانىنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىغا ئىنتايىن قىزىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نەندا شىركىتىنىڭ ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي شارائىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋا باقمىچىلىقى، پىششىقلاش ۋە سېتىشنى چۆرىدەپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىللە، مۇھىت قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن بۇ ئۇچۇرلارنى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى كارخانىلارغا يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن».

رۇسىيەدىن كەلگەن مىخائىل باراكىن خۇانو ئېشياڭ (بېيجىڭ) سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى، ئۇ جۇڭگودا 30 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭغا 20 نەچچە قېتىم كەلگەن. «30 يىلدىن بۇيان، مەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بولۇپمۇ قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە ھۆكۈمەت نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپتۇ. بىز يول بويى يەنە نۇرغۇن ئاممىۋى ئاپپاراتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئورتاق بېيىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. مەن كەسپىي سودا بىلەن شۇغۇللىنىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.