تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

لى يىفېي دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يىفېي ئاپتونوم رايوندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئورتاق ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، كۈچ قوشتى.

لى يىفېي مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلابىي ھېكايە، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، ھەر مىللەت خەلق ياخشى دەيدىغان دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە سەپەرۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.