تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇچۇرلاشقان ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىسىنى تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىسىنى تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈرۈشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش سىستېمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت(خىزمەت كومىتېت)لىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش، خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشەنچلىك سۇپا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش بولمىسا زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ جەمئىيەت ئەھۋالىنى ھېس قىلىش، ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق، نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پىلانلاش ۋە يولغا قويۇش جەريانىدىكى ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ماسلىشىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. «ئالاقە تورى +» خىزمەت تەپەككۇرىنى بېكىتىپ، ھەم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ئارقىلىق ھەرقايسى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەم ھەرقايسى كەسىپ سىستېمىسىدىن پائال پايدىلىنىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاش ۋە ماسلىشىپ بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئۇچۇر يېگانە ئارىلى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارا، خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارا تور ئالاقىسى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە خىزمەتتە ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ماسلىشىش بىردەك بولۇش، تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، خەلق رايىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نىزام چىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان «بۇلۇت ئۈستىدىكى خىزمەت ئۆيى» بەرپا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ جەمئىيەت نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى بىلەن ئورگانىك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى پۈتۈن جەريانلىق ئىنكاس قىلىپ، ئەسلىي سايلىغۇچى ئورۇن ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.