تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شۆھرەت زاكىر خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېكسكۇرسىيەدە، تەكشۈرۈشتە بولدى. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈشكە قاتناشقان خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشتى.

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۆھرەت زاكىر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ھەمدە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ئېجىللىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇ، پۈتۈن دۇنياغا ئايان، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، قىلچە ئاساسى يوق ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىغا داغ تەگكۈزدى» «خۇنۈكلەشتۈردى»، تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقتى، ئامېرىكا تەرەپ يەنە شىنجاڭ پاختىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كەسىپلەرنى يولسىزلارچە باستى، چەكلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئامېرىكا تەرەپنىڭ يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇردى ھەم قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ساقلاپ قالدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شىنجاڭغا چىن كۆڭلىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلارنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن، كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئىناق - بەختلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل بولغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان شىنجاڭنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا - ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىدەك ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق كەيپىياتىدىن تەسىرلەندى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، دېگەن بىر ئورتاق تونۇشقا كەلدى. بۇ يەردە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئېتىبارلىق، سودىگەرلەرگە مايىللاشقان مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتى بار، يەنە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىستېمال بازىرى بار، ئىقتىساد گۈللەپ ياشنىغان، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. بىز بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانا ۋەكىللىرىنى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلىمىز. سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭ سودا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قويۇپ بەرگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدا ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپتۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم ئىكەن، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە سېھرىي كۈچكە تولغان بولۇپ، كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدىكەن. شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان ياخشى جاي، شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.