تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ خىل تەم»دىكى لېكسىيە ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «لەززەتلىك تەم»گە ئىگە قىلدى

□ ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جىڭ، رەپقەت مەردان

«ئاھالىلەر، دوستلار، مەن ۋۇشىن مەھەللىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت ئاۋازلىق ياردەمچىسى <شياۋ شىن>. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بۇ 100 يىل مىللەتنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەن 100 يىل...» 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى)نىڭ ۋۇشىن مەھەللىسى «يى»خۇ بەييىڭ خىزمەت سۇپىسى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە تۇنجى ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىدى، بۇ، سۇپىنىڭ رەسمىي تورغا چىقىرىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى)نىڭ ۋۇشىن مەھەللىسى «تاتلىق تەم» «يېڭى تەم» «يەرلىك تەم» بىرلەشتۈرۈلگەن «ئۈچ خىل تەم»دىكى لېكسىيە ئارقىلىق، لېكسىيەنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، لېكسىيەنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «لەززەتلىك تەم»گە ئىگە قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

«تاتلىق تەم»دىكى لېكسىيەدە باش تېما چىڭ كۆزلەندى. 7 - ئايدىن بۇيان، ۋۇشىن مەھەللىسى ھەر ھەپتىدە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەمدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلارنى سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۆگىنىش داۋامىدا مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلدۇردى.

«يېڭى تەم»دىكى لېكسىيەدە يېڭىلىق كۆپ بولدى. «ھازىر ئۇچۇر دەۋرى، پەقەت بىر يان تېلېفون، بىر مەھەللە سۇپىسى بولسىلا، تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرگە قارىتىلغان تەشۋىقاتنىڭ قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ۋۇشىن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېن نا.

«يى» خۇ بەييىڭ خىزمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىشتىن سىرت، ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى «ۋۇشىن . شىنجيايۈەن» دوۋيىن بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسى دەل ۋاقتىدا تورغا چىقىرىلدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كونا بۇيۇملار، كونا سۈرەتلەر قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تور، تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق پارتىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ۋۇشىن مەھەللىسى يەنە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى لېكسىيە دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. شېن نا مۇنداق دېدى: شەكلى يېڭى بولغان «يېڭى تەم»دىكى لېكسىيە ئاھالىلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«يەرلىك تەم»دىكى لېكسىيە ئاممىغا يېقىنلاشتى. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، ۋۇشىن مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى ما جىيۇڭ ئاھالە مۇ شىمېينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەمدە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى قاتارلىقلاردىن لېكسىيە سۆزلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋۇشىن مەھەللىسىدىكى كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە پارتىيە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە، قىزىل ھېكايە قاتارلىقلاردىن لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.