□ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى رەشىدە ئابدۇرېشىت
ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقتىن كېلەتتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز غورىگىل ئىدى. كەنتتىكىلەردىن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ پاختا تەرگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامان ئەمەس كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم. بارغاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، ھەقىقەتەن كۆپچىلىك ئېيتقاندەك، پاختا تېرىپ يۇقىرى كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق ۋە ياتاق شارائىتىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن، كۆپ تەرسەك كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن. ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن بۇ كىرىمگە تايىنىپ، ئىشىك ئالدىمىزدا بىر كىچىك دۇكان ئاچتىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئائىلىمىزنىڭ مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىمى بار بولدى. ھازىر دۇكىنىمىزنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
پاختا تېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىيدىغان بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، چىرايلىق ئۆي سېلىۋالدۇق، تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تولۇق سەپلىدۇق، يەنە كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، كۈنلىرىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بەزى چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بۇ مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. پاختا كەسپى بىز شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم كەسىپ، پاختا تېرىش ئېنىقلا بىز دېھقانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن پۇل تېپىش پۇرسىتى تۇرسا، قانداقسىگە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولۇپ قالدى؟ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە مۇقىم بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. بۇ يەردە مەن ئاشۇ باشقىچە غەرەزدىكى كىشىلەرنى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەرنىڭ ئاغزىڭلارغا كەلگەنچە جۆيلۈشىڭلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ۋە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ھەرگىز بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ. مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!