تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلاشقا قەتئىي يول قويمايمىز

​□ساۋەن شەھىرىدىكى پاختىكار   سايرا قادىر

شىنجاڭ پاختىسى بىز ھەربىر پاختىكارنىڭ يۆلەنچۈكى، چېگرا سىرتىدىكى ئاشۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا خالىغانچە قارا چاپلىسا قانداق بولىدۇ؟ سىلەر كەنتىمىزگە كېلىپ، بىزنىڭ ماشىنىلاشقان تۈجۈپىلەپ تېرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دورا چېچىش ۋە پاختا يىغىش ماشىنىسى ئارقىلىق پاختا يىغىش ئىشلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

ئائىلىمىز 40 نەچچە مو يەرگە كېۋەز تېرىيدۇ، ئۆيىمىزدە بىر كىچىك تۆت چاقلىق تىراكتور، بىر چوڭ تىراكتور، بىر كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بار، يەنە 17 قوي باقتۇق، يىللىق كىرىمىمىز 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. كەنتتىكى باشقا يۇرتداشلارنىڭمۇ 40 مودىن 80 موغىچە كېۋەزلىكى بار، كۆپچىلىكنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كېۋەز تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

بىزنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىمىزدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ھەرقانداق كىشىنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.