تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارا بۇلۇت قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، پىتنە - ئىغۋا ھامان ئېچىپ تاشلىنىدۇ

​□شىنجاڭ «شيېشىن» يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى   ئايجان جاسان

مەن شىركەتنىڭ بىر ئاددىي خىزمەتچىسى. 2018 - يىلى شىركەتكە يېڭى كەلگىنىمدە، شىركەت رەھبەرلىرى، سېختىكى ئۇستاملار ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۈسكۈنىلەر مەشغۇلاتى قاتارلىقلارنى قولمۇ قول ئۆگەتكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە، شىركەت تېخنىكا سەۋىيەمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ماڭا مەخسۇس ئىچكىرى رايونغا بېرىپ تەربىيەلىنىش، ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش كەچۈرمىشىمنىڭ ماڭا ئىنتايىن زور ياردىمى بولدى، مەن ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، مەشغۇلاتقا بارغانسېرى پىشتىم، ئايلىق مائاشىممۇ ئۆسۈپ، 9000 يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.

شىركەت بىز ئۈچۈن «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»نى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىمىز، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش ھوقۇقىمىز، ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقىمىز ھەمدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىمىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىركەت مۇسۇلمانچە ئاشخانا تەسىس قىلدى، بىزگە ئىككى كىشىلىك ياتاق سەپلەپ بەردى، ياتاقتا ئايرىم تازىلىق ئۆيى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور، تور قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار، يەنە پۇتبول مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، چېنىقىش ئۆيى قۇرۇلغان، ئادەتتە ئۆگىنىش قىلساق كۇتۇپخانا بار، بۇمۇ مەن بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي. شىركەت ھەر ئايدا تاماق ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىملىق چاغان، دۆلەت بايرىمى، قۇربان ھېيت قاتارلىق بايراملاردا شىركەت يەنە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. شىركەتتە خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن.

شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن، خېلى كۆپ بولغان مائاش كىرىمىم ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى، مېنىڭ ياردىمىمدە سىڭلىم ئوڭۇشلۇق ھالدا داشۆنى پۈتكۈزدى، ئاكاممۇ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتتى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. شىركەتنىڭ مېنى ئۆگىنىش پۇرسىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بەك مىننەتدارمەن.

يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دېگەننى باھانە قىلىپ شىركىتىمىزنى خالىغانچە چەكلىدى، بۇ ماڭا ئىنتايىن كۈلكىلىك تۇيۇلدى. شىركىتىمىز ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ، نەدىمۇ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولسۇن؟ بۇ، ھەقىقەتەن كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىك! مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، قارا بۇلۇت قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭغا خالىغانچە قارا چاپلايدىغان، شىركىتىمىزگە خالىغانچە بوھتان چاپلايدىغان پىتنە - ئىغۋا ھامان ئېچىپ تاشلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى خام خىيال قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.