تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دىققەتنى خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈردى، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان 18 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەسىراتىنى سۆزلىدى ھەم تەكلىپ بەردى. شەۋكەت ئىمىن بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرى تىرىشىپ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى، ناھايىتى ياخشى پىكىر - تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دائىمىي كومىتېت ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. «خەلق» دېگەن سۆزنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ۋاقتىدا توپلاپ، ئىنكاس قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئۈنۈملۈك كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق، ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بەلگىلىك چوڭقۇرلۇق ۋە سالماققا ئىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىلىشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رول ئويناپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.