تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 130 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 130 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى تۈزۈش، ئاپتونوم رايوننى ئىلمىي كۆكەرتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۇنىۋېرسال ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئاساسىي كاپالەت رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەش ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلاردىكى ئۆيلەر، ئەسلىھەلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىقلىقىنى بېكىتىش، باھالاش ۋە مۇستەھكەملەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، خېيىم - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن - نىزام ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خېيىم - خەتەرنى مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، نەرسە تورى، يىراقتىن سېزىش، سىنلىق پەرقلەندۈرۈش، 5G قاتارلىق تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاپەت، ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، سېزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈنلۈك، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ۋاقىتلىق ئالدىن سىگنال بېرىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش - تۈزەشنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشكە يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. كۆكەرتىشكە ئالاقىدار يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ، ئورمان، ئوتلاقلارنى تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان دەرەخ تۈرى، ئوت - چۆپ تۈرىنى ئىلمىي تاللاپ، كۆكەرتىش لايىھەسى ۋە قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنى كۆكەرتىشنى تېجەشلىك، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، كۆكەرتىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدىكى سۇغىرىشنى باشقۇرۇش - قوغداش تۈزۈمى ۋە سېلىنما مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆكەرتىش سۈپىتى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.