تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

​ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

​شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 20 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» «ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي داۋالاش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق تېببىي داۋالاش، تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 20 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلقنى مەركەز قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلارغا قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوغداش ۋە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك؛ بازار ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن مائارىپ ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆگىنىشى ۋە تەنتەربىيە جەھەتتە چېنىقىشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تېببىي داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق تېببىي داۋالاش تەكشۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېببىي داۋالاشنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، يۈرۈشۈش مېخانىزمى، مۇلازىمەت باھاسى، نەتىجە - ئۈنۈم تەقسىماتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەريانىدىكى ئورۇن ۋە كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاڭلىق ھالدا ئاپتونوم رايونىمىز خىزمىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ دۆلەت ئىچى بازىرى ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئون چوڭ كەسىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى چوڭ بازىرىغا پائال سىڭىشىش كېرەك؛ ئوچۇق ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى بۇرچ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، باشتىن - ئاخىر ئىسلاھاتنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسى، ھەرقايسى مەخسۇس گۇرۇپپىلار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى قەرەلىدە تاماملاشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.