تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

7-ئايدا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7-ئايدىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىردى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى. 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، سودا قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىلىدىن يەتتە كىشىنى يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  7-ئايدا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئىمارىتى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قەلئە شەكلىدىكى بازار، شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى توپلانغان جاي ۋە كۆرگەزمە مەركىزى، ئۈرۈمچىدىكى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت توپى بولۇپ، «شىنجاڭ كۆزنىكى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزنىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

  7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھۈسەنجان يۈسۈپ سۆز قىلماقتا.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھۈسەنجان يۈسۈپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان كۆلەم 48 مىڭ كىۋادرات مېتىر، جەمئىي ئالتە ئاساسىي بىنا ۋە 80 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر مەنزىرە تاماشا مۇنارى بار، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاس مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇق مېۋە-چېۋە، مىللىيچە كىيىم-كېچەك، قاشتېشى بۇيۇملىرى، مىللىي خاسلىققا ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. ھازىر 1480 سودىگەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر سودىگەر تەخمىنەن %70نى ئىگىلەيدۇ. ھازىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 300 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى»غا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ خاس ساياھەت كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ بازار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى