تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرپاندا 570 مىڭ مو ئۈزۈم ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىندى

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى دېھقانلار ئۈزۈمنى تاللاپ سېۋەتلەرگە قاچىلىماقتا. (تۇرپان يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى)

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ رۇيلىن، تۇرپان يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن تيەن جىبىن خەۋەر قىلىدۇ) «بۇ يىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىدىم، ئائىلىمىزنىڭ 13 مو يەردىكى ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى خېلىلا ياخشىلاندى، سودىگەرلەر كۆرگەندىن كېيىن تالىشىپ سېتىۋالدى. بىرىنچى كۈنىلا 300 سېۋەت ئۈزۈم ساتتىم، ساپ كىرىمىم 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى» 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى ياڭخەيشيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان بۇرھان ئۆزىنىڭ ئۈزۈملۈكى ئالدىدا ئوخشىغان ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە قاراپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

   بۇ چاغدا، تۇرپان خوجوۋ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدىكىلەرمۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى دېھقانلار پىشقان ئۈزۈملەرنى ئۈزمەكتە. (تۇرپان يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى)

    ئۈزۈم ئۈزۈش، سېۋەتكە قاچىلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش... ئۈزۈپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن فەن كېجۈن بۇ مەشغۇلاتلارغا پىششىق بولۇپ بولۇپ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا توشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئۈزۈملەرگە قاراپ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ 20 مو ئۈزۈملۈكى تۇرپان خوجوۋ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگۈزۈلدى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىلىدىغان ئۈزۈملەر ئىچىدە بىزنىڭ ئۈزۈملىرىمىزمۇ بار. ھەر يىلى ئۈزۈم پىشقاندا، ئۆيدىكىلەر بىلەن كارخانىغا ئىشلىگىلى كېلىمىز، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ھەر كۈنى مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايمىز».

   تۇرپان خوجوۋ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركەت ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈزۈش ھالقىسىدا قەنت دەرىجىسى، رەڭگى، دانىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈش، قاچىلاش، ئامباردا ساقلاشتىن تارتىپ سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇشقىچە بولغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنى تۇرپاننىڭ ئەڭ يېڭى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈزۈمىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «بىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، ئۈزۈم كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئۆزىمىزگە خاس ماركا يارىتىپ، دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى جوۋ بىڭ.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى دېھقان شۇ كۈندىكى كىرىمىدىن خۇشال بولماقتا. (تۇرپان يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى)

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى «ئۈزۈمچىلىكنى كۈچەيتىپ، مېۋە-كۆكتاتلارنى خىللاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش»تەك تەرەققىيات پىكىر يولىغا ئاساسەن، ئۈزۈم، قوغۇن، چارۋا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان خاس كەسىپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتقا  يۈزلىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى. 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، تۇرپان شەھىرىدە 570 مىڭ مو يېشىل ئۈزۈم بازىسى بەرپا قىلىندى. ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۈزۈم سۈپىتىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئۈزۈمنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىمۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ ئېشىپ، «تۇرپان ئۈزۈمى»نىڭ تېخىمۇ داڭقى چىقتى.

   بۇنىڭدىن كېيىن، تۇرپان ئۈزۈم سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «تۇرپان ئۈزۈمى»نىڭ ئىناۋىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، «تۇرپان ئۈزۈمى»دىن ئىبارەت جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆل ئۈزۈمنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى