تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» نەشر قىلىنىدۇ

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىنى كۆرۈڭ

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغان: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنىڭ قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 45 مىڭ خەت بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تولۇق تېكىستىنى تارقاتتى. خەلق نەشرىياتى يېقىندا كىتابچىسىنى نەشر قىلىدۇ، مەركىزىي تەھرىر - تەرجىمە نەشرىياتى يېقىندا ئىنگلىزچە كىتابچىنى نەشر قىلىدۇ.

«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دا ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش شانلىق مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەنگەن؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئاساسىدا، 40 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر تولۇق نامايان قىلىنغان.

«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تۈزۈپ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.