تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر تەخسە لەغمەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى  تۇنجى تۈركۈم «خوتەن ئاشخانىسى» ئېچىلىپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى

  

  خوتەن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولىغا جايلاشقان «خوتەن ئاشخانىسى». (سۈرەتنى چېن لىن تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ لىڭيەن خەۋەر قىلىدۇ) «چەيزە لەڭمەن كەلدى، داپەنجى لەڭمەن ھازىرلا تەييار بولىدۇ!» 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرىدىكى ئاشخانىسى تىجارەت باشلىشى بىلەنلا، ئوخشاپ كەتكەن لەڭمەنلەر نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلدى، پۇل يىغىش پوكىيى ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن، ئاشخانىدا بوش ئورۇن قالمىغانىدى. خوتەن «خوتەن لەڭمىنى»دىن ئىبارەت بۇ داڭلىق مەززىلىك تائام ماركىسىغا تايىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە «خوتەن ئاشخانىسى»دىن مىڭنى ئېچىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

  يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خېفىڭ بايراقدار دۇكىنى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 23 «خوتەن ئاشخانىسى» خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردە ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى. مەززىلىك لەڭمەن خوتەن تائاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، خوتەن لەڭمىنى ئاساس قىلىنىپ قۇرۇلغان «خوتەن ئاشخانىسى» خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  «<خوتەن ئاشخانىسى> خېرىدارلارنى ئازادە مۇھىت، تېز، قولايلىق، ئوخشىغان، باھاسى ئەرزان مەززىلىك تاماق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى». «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خوتەن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولى ئاشخانىسىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ، خوتەن «شاڭدېيۈەن» ئاشخانا باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن جىۋېن مۇنداق دېدى: «قورۇما ئۇستىسى، لەڭمەن ئۇستىسى، مۇلازىمەتچى، تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن».

  خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى يېڭى بازار كەنتىدىكى مەرەمنىسا ئابدۇللا «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خېمىر ئۇستىسى بولۇپ، ئاش تارتىش ھۈنىرى يىراق-يېقىنغا داڭلىق، «مەن ھازىر ئايدا 5000 يۈەن مائاش ئالىمەن، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى ئۇ.

  «بىز خوتەن شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر كۈنى ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىن لازا، شوخلا، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلاردىن 600 كىلوگىرام سېتىۋالىمىز، تاماقلىرىمىزنى ئېتىزلىقتىن ئۈزۈپ كەلگەن يېڭى ھەم ئەرزان كۆكتاتلار بىلەن ئەتكەندىن باشقا، كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىشىغا، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى چېن جىۋېن.

  سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ئالدىدا تۇرغان جىيا يېزىسىدىكى «خوتەن ئاشخانىسى». (سۈرەتنى چېن لىن تەمىنلىگەن)

  «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خوتەن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولى ئاشخانىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىككى قەۋەت، بېسىق مەزگىلدە بىرلا ۋاقىتتا 400 ئادەم غىزالىنالايدۇ. بۇ يەرنىڭ لەغمىنى تەملىك، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ۋە نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشمۇ «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشىدىكى بىر ئامىل. مۇخبىر «خوتەن ئاشخانىسى»نىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى مېھىرباغ كەنتىدىكى ئاشخانىسىدا مەخسۇس ھېس قىلىش رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆردى، بۇ جايدا خېرىدارلار ئۆز قولى بىلەن لەڭمەن ئېتىپ باقسا  بولىدۇ. ئاش ئېشىش رايونىدا خېرىدارلار يەنە «ئەشكەن لەڭمەن»نىڭ پىلتىسىنى ئېشىش جەريانىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، ئۇستامنىڭ ھەرىكىتى يەڭگىل ۋە چاققان بولۇپ، ئېشىلىۋاتقان لەغمەن پىلتىلىرى «ئۇسسۇل»غا چۈشكەندەك، نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى.

  «تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئاشخانىمىزدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 تەخسە ئەتراپىدا لەڭمەن سېتىلىپ، سودا سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىمىز كەچ سائەت 11دىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن خېرىدار تاماق يېگىلى كېلىدۇ» دېدى چېن جىۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى