تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پۈتۈن كەنتتىكى ئانىلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللەشتى

چىپاۋ بىلەن ئەتلەس جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك كەنتتە ئۇچراشتى

پۈتۈن كەنتتىكى ئانىلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللەشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

«خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداش لايىھەلەش ئۇستىلىرىنى كەنتىمىزگە كېلىپ تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز غەيرەتكە كېلىپ، ھۈنەرنى پۇختا ئۆگىنىپ، لايىھەلەش ئۇستىسى لايىھەلىگەن كىيىملەرنى تىكىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز!» 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مەريەم تۇردى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاچا ـ سىڭىللارغا ئېيتقاندا، تىككۈچىلىك دۇكىنىدا بىردىنلا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

مەريەم ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى سۆگەتئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان «مودا دارېن».

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن كەنت مەدەنىيەت ھويلىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا، ئەتلەس چىپاۋ كىيگەن بىر توپ ئايال يېزا ـ كەنت چوڭ سەھنىسىدە ماھارەت كۆرسىتىپ مېڭىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. بۇ كىيىملەرنى لايىھەلىگەن ۋە تىككەنلەر دەل مەريەم ۋە ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى ئاچا ـ سىڭىللار ئىدى.

مەريەم كىچىكىدىن تارتىپلا يىپ ـ يىڭنە ئىشىغا ئامراق ئىدى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ كەنتتىكى پېشقەدەم تىككۈچىدىن ھۈنەر ئۆگەندى، كېيىن يەنە ناھىيە بازىرى ۋە ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ كىيىم تىكىش كۇرسىغا قاتناشتى. 2012 ـ يىلى مەريەم كەنتكە قايتىپ كېلىپ تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى. «دەسلەپكى نەچچە يىلدا تىجارىتىم بەك سۇس بولۇپ، ھەممىسى ئۆزگەرتىدىغان، ياماقچىلىق قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ، كىرىممۇ تۆۋەن ئىدى» دېدى ئۇ.

بۇ نەچچە يىلدا، يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆزگەردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارىشى ئۆزگەردى، دۇكانغا كېلىپ كىيىم تىككۈزىدىغان خېرىدارلارمۇ كۆپەيدى. ئەتلەس مەريەم ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىدىغان رەخت، ئۇ ئەتلەستىن چىپاۋ لايىھەلەشكە ئەڭ ئۇستا، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.

چۈش بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، دۇكاندىكىلەر يەنىلا ئالدىراش ئىدى. «ئامانگۈلنىڭ چىپاۋسىنىڭ بېلىنى يەنە ئازراق تارايتىۋېتىڭ، ئۇنىڭ ئۆيىدە كېلەر ھەپتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، تېزرەك بولۇڭ» «بۇ كۆڭلەك ئازراق سىدام بولۇپ قاپتۇ، خېرىدارغا ياقىسىغا ئەتلەس ياكى كەشتىدىن بېزەك تىكىش تەكلىپىنى بېرىڭ» مەريەم بىر تەرەپتىن ئاچا ـ سىڭىللارغا تاپىلاپ، بىر تەرەپتىن يىڭنە ئىشى قىلىۋاتاتتى. بەك ئالدىراش بولغاچقا، مەريەم چۈشلۈك تاماق ئەكەلگەن قىزىغا قارىيالمىدى. «ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپام پۈتۈن كەنتتىكى ئانىلارنى گۈزەللەشتۈرۈۋېتىپتۇ» دېدى 12 ياشلىق نەزىرە ئابلىمىت پەخىرلەنگەن ھالدا.

زەيتۇنگۈل ئىمامنىياز مەريەمنىڭ كونا خېرىدارى بولۇپ، بۇ يىل يازدا ئۇ ئەتلەستىن تىكىلگەن بىر چىپاۋ، ئىككى ئۇزۇن كۆڭلەك بۇيرۇتتى، يەنە ئېرىگە كەشتە چۈشۈرۈلگەن كۆڭلەك بۇيرۇتتى. «ھازىر كەنتتىكى پائالىيەت، توي مۇراسىمى قاتارلىقلارغا قاتناشسا، نۇرغۇن ئاچا ـ سىڭىللار ئۇنىڭ دۇكىنىدا تىكىلگەن مودا ھەم يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىدۇ» دېدى زەيتۇنگۈل.

«كەنتتىكى تىككۈچىلىكنى بىلىدىغان يەتتە ئايال مەريەمنىڭ دۇكىنىغا ئارقا ـ ئارقىدىن كېلىپ ئىشلەپ، ھەر ئايدا مۇقىم مائاش ئالالايدىغان بولدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بەش تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ سۆگەتئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى جاڭ رۇيخۇا مۇنداق دېدى: «بىز داڭلىق كىيىم ـ كېچەك لايىھەلىگۈچىلەردىن سۈن شيۇچىن، چېڭ يىڭفېننىڭ كەنتكە كېلىپ كۆپچىلىككە دەرس ئۆتۈپ بېرىشىنى ئالاقىلىشىۋاتىمىز ھەم ئۇلار بىلەن دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، كەنتتىكى تىككۈچىلىك قوشۇنىنىڭ تېخنىكىسى ئۆتكەلدىن ئۆتسىلا، ئۇلار لايىھەلىگەن كىيىملەرنى تىكىشنى ئۈستىمىزگە ئالالايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.