تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ∣شىنجاڭ گۇچۇڭ يىۋەنچۈەن مەنزىرە رايونى: تاغ-ئوتلاقلىرى يېشىل، ئېكولوگىيەسى گۈزەل

   ئاپتورلار: گاۋ لىجۈەن، يەن يوۋسەي

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى يىۋەنچۈەن مەنزىرە رايونىغا بارغىنىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغىنى ياپيېشىل ئوتلاق بولۇپ، رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر ئېچىلغان، قوي پادىلىرى ئوتلاۋاتقان يېشىل ئوتلاق ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. يىراقتىكى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم ئاپئاق قارلىق تاغلار بىلەن تاغ باغرىدىكى قويۇق ئۆسكەن شەمشادلار تۇتاش كەتكەنىدى. ئاق رەڭلىك كىگىز ئۆي ۋە قىزىل كاھىشلىق ئۆيلەر ياپيېشىل ئوتلاققا ھۆسن قوشۇپ، بىزگە خۇددى بالىلار چۆچەكلىرى دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى.

  (ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.