تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ئەن بېي، ۋېي يۈكۇن) «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى» 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپكە ماسلىشىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى.

پىكىر سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 25 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1 ـ قىسمى ئومۇمىي تەلەپ بولۇپ، يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئاساسىي نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2 ـ قىسمىدىن 6 ـ قىسمىغىچە دىققەت يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، ھەمبەھرە تەرەققىي قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قاتار كونكرېت، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 7 ـ قىسمى ۋە 8 ـ قىسمىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ۋە «تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش» چۆرىدىلىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ، 4 ـ، 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ شەرقتىن كەلگەننى غەربكە يەتكۈزۈش، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇشتەك رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق مۇھىم ئامىلى مول، بازار يوشۇرۇن كۈچى زور، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولۇشتەك سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق تىرەك قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى قۇرۇشقا كۈچەپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

پىكىرگە ئاساسەن، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ سۈپەت ئىسلاھاتى، ئۈنۈم ئىسلاھاتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، سېلىنما ـ ھاسىلات ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ، كەسىپلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلايدۇ، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتى بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.